![]() |
شياۋجاڭ بازار ئايلىنىۋاتقاندا، كوچىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھوشىدىن كەتكەن لاۋ لىغا ئۇچراپ قالىدۇ. ئىلگىرى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن شياۋجاڭ بۇنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ لاۋ لىنىڭ يۈرەك-ئۆپكىسىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن لاۋلىنىڭ ئېڭى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. كېيىن لاۋلى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاۋلىنىڭ يۈرەك، ئۆپكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەسلىدە قۇتقۇزىمەن، دەپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويغان شياۋجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ؟
دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش
ھاجەتسىز. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 184- ماددىسىدا «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش سەۋەبىدىن ياردەمگە ئېرىشكۈچى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، قۇتقۇزغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.