1. كۇئېنلۇن تورى
  2. تەپسىلاتلار

نىلقىدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئوپېراتسىيە قىلىندى

日期:2024年08月19日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، جياڭسۇدىن ئىلىغا ياردەمگە كەلگەن چاڭجوۋ(ۋۇجىن) خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈشى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، نىلقا ناھىيەسىدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈچ بالا چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغائېلىپ بېرىلىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى، نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ياخشى.

بۇ قېتىمقى داۋالاش ياردىمى بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى چاڭجوۋ(ۋۇجىن) خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پائال تىرىشىشى ۋە چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ پۈتۈن كۈچبىلەن قوللىغانلىقىدىن بولدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشپ، نىلقا ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم «چاڭجوۋ بالىلارغا مىھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، داۋالاش ئەترىتى شۇ جايدىكى 100 نەپەر ياش-ئۆسمۈرنىڭيۈرىكىنى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان توققۇز بالىغا ئېنىق دىياگنوز قويدى.

داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونىنىڭ نىلقا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ داۋالاش-سەھىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قېتىم چاڭجوۋ(ۋۇجىن) خىزمەت گۇرۇپپىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپلا قالماي، شۇ جايدا داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.

2023-يىلىدىن بۇيان، چاڭجوۋ(ۋۇجىن) خىزمەت گۇرۇپپىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دوختۇرخانا باشقۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى، پەن قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. (جياڭ يۈنبو)

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى