1. كۇئېنلۇن تورى
  2. تەپسىلاتلار

«ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىش» باش بەتتىكى ئەڭ مۇھىم خەۋەرگە چىقتى! نۇر گېزىتى شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بىرلىشىپ مۇھىم خەۋەر ئېلان قىلدى

日期:2024年08月13日
来源:天山网
【字体:


نۇر گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر كىچىك توپچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ مېڭمېڭفوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرليۇ مېڭمېڭخەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، «نۇر گېزىتى» «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىككى گېزىتنىڭ باش بېتىدىكى ئەڭ مۇھىم ماقالىسدا«سىز بىلەمسىز؟ <كەنت BA> مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيون كوماندا بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقتى!»دېگەن مۇھىم خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

نۇر گېزىتخانىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ مىڭخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، نۇر گېزىتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىتچىقىرىش پىكىر يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «زامانىۋىلاشقان كەلگۈسىگە قول تۇتۇشۇپ ئاتلىنىش» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئورگان گېزىتى، ھەرقايسى ئالدىنقى سەپتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلار بىلەن بىرلىشىپ خەۋەر يېزىپ،ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنىبىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىش يولىغا قاراپ ئاتلانغان جاراڭلىق ساداسىنى ئورتاق خاتىرىلىدى.

«نۇر گېزىتى» بۇ ئىستوننىڭ «ئىستون سۆزى»دە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىش بولسا ئاممىۋى لۇشيەننىڭ كونكرېت ئىپادىسى... نۇر گېزىتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىش ئەنئەنىسىدە ئىزچىل قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىدى. ھازىر، گەرچە تارقىتىش ئۇسۇلى، تاراتقۇ ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىشتىن ئىبارەت ياخشى ئەنئەنىدىن بىردەممۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇبۇ، تاراتقۇنىڭ پارتىيەۋىلىكلىكى ۋە خەلقچىللىقىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن يارىتىش ۋەتەمىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.

«5000 خەتتىن ئاشىدىغان بۇ ماقالە بۇ ئىستوندىكى تۇنجى پارچە خەۋەر، شۇنداقلا مەركەز تاراتقۇسى بىلەن يەرلىك تاراتقۇ ھەمتۈرتكە بولۇپ زىيارەت قىلغان، تەڭ قەدەمدە بېسىپ چىقارغان مۇھىم خەۋەر. ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەھرىرلىشى بىلەن، ماقالە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيەسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قىزغىن تۇپراقتا يۈزبەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە بولغان دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قىياپىتى، مەنىۋى ھالىتىدە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى جاۋ مىڭخاۋ.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ قاغىلىق كوماندىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «كەنت BA» ۋاسكىتبول تەكلىپمۇسابىقىسىنىڭ باش چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كېلىپ، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، نۇر گېزىتخانىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى دەرھال زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا جىددىي ئاتلىنىپ چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ،ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنىئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھېكايىنىڭ مول ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر قازدى. بۇ خەۋەرنى يېزىشقا بىر ئاي ۋاقىت كەتتى، قايتا-قايتا ئۆزگەرتىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى