مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، جاڭ جۈن سۆز قىلدى، تۇڭ جيەنمىڭ، جۇ خەيلۈن قاتناشتى

日期:2018年12月05日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش تۇڭ جيەنمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك قوللىدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە تەپتىش ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تەپتىش خىزمىتىگە يەنىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىدۇ. بىرىنچى، سىياسىيغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەپتىش خىزمىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە قويۇپ تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خىزمەتتە پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەپتىشلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرگە مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ، ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىراجەت سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تەپتىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، قوشۇن جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش ۋە كۆيۈنۈش كېرەك. تەپتىش ئورگىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش قوشۇنىغا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئېتىقادتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىداردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان شىنجاڭنىڭ تەپتىش قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، پائال مۇھىت يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ھەممە كىشى تەپتىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات ۋە ئەلا مۇھىتنى بەرپا قىلىش كېرەك.

جاڭ جۈن ئۇزاقتىن بۇيان تەپتىش سىستېمىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن، كۆڭۈل بۆلگەن مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىكى كەڭ تەپتىش خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. جاڭ جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مەزگىلدىكى تەپتىش سىستېمىسى بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاققىچە كۈچەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق تەپتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوقۇم سىياسەت ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، جەنۇبىي جياڭشىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش، جياڭشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا تەپتىش خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، «ئالتە بىر گەۋدە»دە چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش سىستېمىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. تەپتىش كەسپى بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مائارىپ، تەربىيەلەش بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ تەپتىش مەدەنىيىتى بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ يۇغۇرما رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇچۇر، پەن- تېخنىكا بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەبلەغ، تۈر جەھەتتە ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەپتىش سىستېمىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئالغا سىلجىتىش، ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش، ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلار تەشكىللەش، يولغا قويۇشتىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. تەپتىش سىستېمىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا كۈچەپ، «ئىنچىكە» بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ياردەم بېرىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە قاراتمىلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «سىرتتىن قان بېرىش»تىن «ئۆزى قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي ۋە جەنۇبىي جياڭشى قاتارلىق ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى ياردەمگە ئېرىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ۋەكىللىرى ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ياردەم بېرىۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلار نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئىچكى ئاپپاراتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.