جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2018年12月05日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىر، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئىلھاملاندۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قوماندانلىق تايىقىنىڭ رولى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇلدى، بۇنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. لېكىن، يەنە نام- تۈرى كۆپ بولۇپ كېتىش، قېتىم سانى زىچ بولۇپ كېتىش، كۆپ تەرەپتىن تەكرار بولۇپ كېتىش، ئىز قالدۇرۇشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلام يېتىشىپ بولالمىدى، يۈكى زىيادە ئېغىر بولدى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، بۇ ھال ھەم زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا پايدىسىز، ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇنى جەزمەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ھەل قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مىقدارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئەلا بىلىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش.

ئىككىنچى، ئومۇمىي مىقدارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، پىلانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا جەزمەن مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن باشلاش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇلغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشتىن سىرت، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلارنىڭ يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنى ئوبيېكت قىلغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرىنى ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ، تارماقلارنىڭ ھۆججەتلىرىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە بولمايدۇ، ھەقىقەتەن قانات يايدۇرۇشقا توغرا كەلسە بىر ئىشنى بىر مەلۇم قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مىقدار ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار پىرىنسىپ جەھەتتىن يىلدا بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئوخشاش تۈردىكى ئىشلاردا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، كۆپ تارماققا چېتىلىدىغانلىرىدا بىرلەشمە ئۆمەك تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك، تەكرار يىغىلىپ قېلىش، قاتلاممۇقاتلام ئاشۇرۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، نۇرغۇن ئادەمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە، ھە دېسىلا ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە زاۋۇت، كان، كارخانىلار، مەكتەپلەرگە قارىتىپ، يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى، باھالىشىدا مەركەزنىڭ نامىنى دەستەك قىلىشىغا، كۈندىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سەييارە تەكشۈرۈش، تەپتىش قىلىش، نازارەتچىلىك- ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ناملارنى خالىغانچە قوللىنىشقا بولمايدۇ.

يىللىق پىلان ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يوللاش، رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار قانات يايدۇرىدىغان يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ھەم ئۆز سىستېمىسىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك كەسپىي نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى، باھالىشىغا چېتىلىدىغان ئىشلاردا، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يىل بېشىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەكشۈرۈپ مۇزاكىرە قىلىشى، بېكىتىشىگە يوللىشى كېرەك، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بىر تۇتاش يوللاپ تەستىقلىتىپ، يىللىق پىلان شەكلىدە بېسىپ تارقىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. جىددىي، تاسادىپىي ئىشلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قانات يايدۇرىدىغان ئۆلكە خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشتىمۇ يىللىق پىلان تۈزۈپ، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىغا يوللاپ رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، خىزمەتتە ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلنى ياخشىلاش

تەكشۈرۈش- باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆرسەتكۈچلەرنى ئىلمىي مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، مەزمۇنىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن تەرەققىي قىلمىغان رايونلار، شەھەرلەر بىلەن يېزا- كەنتلەر، يەرلىك بىلەن تارماقلار، ئورگان بىلەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈش تەلىپىنى نامايان قىلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، «ھەممىنى بىر قازانغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىش»تىن ساقلىنىش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش چارىسىنى ياخشىلاپ، زۆرۈر بولغان خاتىرە، ھېسابات دەپتىرىگە قاراش كېرەك، ئەمما ئاساسلىقى خىزمەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە قاراش كېرەك، ھەمىشە ئاساسىي قاتلامدىن جەدۋەل تولدۇرۇش، ماتېرىيال يوللاشنى تەلەپ قىلىشقا، ئاددىي ھالدا قانچىلىك ئىز قالدۇرغىنىغا قاراپلا خىزمىتىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا باھا بېرىشكە، خىزمەتنى بۇ ياقتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇ ياقتىن نازارەت قىلىشقا، تەكشۈرۈشكە، ئەمدىلا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارقىدىنلا باھالاشقا، كۆرۈنۈشكە چىرايلىق، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىشقا، چاكىنا قائىدە- يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىشقا، يۈزەكى ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ كۆپرەك كۆرۈپ، كونكرېت ئىشلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئاممىنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىگە تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بايقاش، ھەم ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قايتما ئىنكاس قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئاددىي ھالدا تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاددىي ھالدا ئۆمۈرۋايەت جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ باھالىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

جايلار، تارماقلارنىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەركەز قاتلىمىدا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى باش بولىدىغان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار قاتنىشىدىغان بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىگە بولغان پىلانلىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر شەكىلۋازلىق قىلىدىغان، خەلقنى قاقشىتىپ، مال- مۈلۈكنى زىيانغا سالىدىغان، سۆلەتۋازلىق قىلىدىغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەر ۋە زاۋۇت، كان، كارخانا، مەكتەپلەرگە قاراتقان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرلىرىنى %50تىن يۇقىرى ئازايتىشى كېرەك. ئېنىقلاشتىن كېيىن ساقلاپ قېلىنغان تۈرلەردە تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاشكارىلاشقا بولىدىغانلىرىنى ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جايىدا ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشتىن، ئەسلىگە قايتىپ كېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئېنىقلاش ئەھۋالىنى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىغا يوللىشى كېرەك.

نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، جاسارەتلىك، ياراملىق كادىرلارنى تەقدىرلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، ئىشنى قالايمىقان قىلىدىغان كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش كېرەك. تۈرلۈك ئەرز خېتى، پاش قىلىش خېتىگە قارىتا، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق مەسىلە بارلىرىنى قانۇن- ئىنتىزام بويىچە بىرتەرەپ قىلىش، مەسىلە يوقلىرىنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، نامىنى ئاشكارا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جايلار، تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇقتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.