«ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 2- سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى ئالىمجان ئۆمۈرجان

日期:2018年11月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

مەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ ئالغا باسقان. دادام جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىلگىرى ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. مەن مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلگەن، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق بولسىلا، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.

  ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «پانئىسلامىزم» «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، بىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقان تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ئۇلارنىڭ يالغان- ياۋىداق گەپ- سۆزلىرىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئاشكارىلاپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  خەلق سودىيەسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە كەلتۈرگەن زور خەۋپىنى چوڭقۇر بىلىمەن، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلار ئويغىنىڭلار: بەزى ياش- ئۆسمۈرلەر نېمە ئۈچۈن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ؟ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان ياش- ئۆسمۈرلەر نېمە ئۈچۈن بېقىپ چوڭ قىلغان ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن تانىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ ئۇلار كىمنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتىدۇ؟ جاۋاب ناھايىتى ئېنىق: ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى مەقسىتىگە يېتىشىدىكى توپ يېمى ۋە قۇربانلىق بۇيۇمىغا ئايلاندى.

  گەرچە بىر قىسىم ئامما دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدى، ھەر مىللەت ئاممىمۇ ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى تىرىشىپ يوقىتىش ئۇلارنى قۇتقۇزغانلىقتۇر. ھەربىرىمىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەسلىك نومۇسسىزلىق، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلىمەسلىك نادانلىق.

  مەن كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قاراپ چىقىش خىزمىتىگە قاتناشتىم، دېلولاردىن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى ناھايىتى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۆسۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئىشلەشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ سوت قىلىش خىزمىتىنى سۈپەت، سانغا كاپالەتلىك قىلىپ ئورۇندايمەن. مەۋقەنى سوت قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن.