قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنىڭ مەنىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىزاھلاش

日期:2018年11月14日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋاڭ يوۋلەن (سولدىن 3-كىشى) گە كۆمۈر توشۇشۇپ بەرمەكتە.

  ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر دەي جياۋمېي، ۋاڭ چۇنيىڭ خەۋىرى، فوتوسى): چۆچەك شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش باشقارمىسىنىڭ كادىرى ئاينۇر 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ھەمراھلىرى بىلەن ئەرگۇڭ بازىرى قاراسۇ كەنتىدىكى تۇغقىنى ۋاڭ يوۋلەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار بۇ جەرياندا ۋاڭ يوۋلەنگە كۆمۈر چۈشۈرۈشۈپ، يۆتكىشىپ بەردى؛ ۋاڭ يوۋلەننىڭ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا زۇكام دورىسى ئەكىلىپ بەردى؛ ئۇلار يەنە ۋاڭ يوۋلەنگە دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.