خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2018年11月14日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى (ئوڭدىن 1-كىشى) ئېتىزدا دېھقانلارنىڭ سەۋزە يىغىشىغا ياردەملەشمەكتە. (جۇڭ گەيچىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. بۇ يىل غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئارا ئۆستەڭ بازىرى ھېزبەكتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت بويىچە سەۋزە تېرىقچىلىق كۆلىمى 1200 مودىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.