2018-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، باش قىشتا شىنجاڭ ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈەن بىنفېڭ خەۋىرى، فوتوسى: باش قىشتا شىنجاڭ ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ئاندا-ساندا قار ئۇچقۇنداپ، تاغ قىرلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا رەڭگارەڭ جىلۋە قىلدى، ئوت-چۆپلەر سارغىيىپ، قوي-كالا، تۆگىلەر ئارقا تاغدىن چارۋىچىلارنىڭ ئېتىزلىرىغا قايتىپ كېلىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ئېتىز قىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.