شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقياز قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش سەپىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. يېقىندا ئۇدا ياغقان قار موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. چارۋىچىلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈش مەنزىرىسى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.
(لى ۋېنبىن فوتوسى)