【ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل】«ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

日期:2018年11月14日
来源:天山网
【字体:

  كۆرۈرمەنلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش «ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.

  مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش «ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى يېقىندا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى.

  بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ «ئەسىر نۇرى» مەدەنىيەت تەرەققىيات پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت سەنئەت سارىيى، شىنجاڭ ئېتنوگىرافىيەلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان 50تىن كۆپ شىنجاڭلىق فوتوگرافنىڭ ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانى باش تېما قىلىنغان، يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان «نەنخۇ كېچىسى»، بايىنبۇلاقنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان «بايىنبۇلاق»، تۈن كېچىدىكى ئۈرۈمچى چاسا يولى ئاسما كۆۋرۈكى مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «كۈندىن كۈنگە ئۆزگىرىش» قاتارلىق  100 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

  بۇ ئەھمىيەتلىك كۆرگەزمە مول نەتىجە بىلەن 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاياغلاشتى.