شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش چارىسى

日期:2018年02月16日
来源:新疆日报
【字体:

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

  207 – نومۇرلۇق ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش چارىسى›› 2018 – يىل 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 59 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، بۇنى تارقاتتۇق، 2018 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

  2018 – يىل 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

   1– باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 - ماددا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، تاشيول ئەسلىھەلىرىنىڭ ساق تۇرۇشىغا ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول – قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ چارە تۈزۈلدى.

  2- ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يۈك ئاپتوموبىللىرى دېيىلىدۇ) چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەشتە مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

  3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوقنىڭ كۆتۈرۈشلۈكى ياكى ئومۇمىي ماسسىسىنى دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن چەك قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى قاتناش بەلگىلىرىدە بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىگە ئائىت ئۆلچەملەردىن ئاشۇرۇپ تاشيولدا يۈرۈش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ چارىدە دېيىلگەن نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ نورمىدىكى ماسسىسىدىن ئارتۇق يۈك بېسىپ تاشيولدا يۈرۈش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ چارىدە دېيىلگەن يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى كان، سېمونت زاۋۇتى، پولات – تۆمۈر زاۋۇتى، شېغىل ماتېرىيال مەيدانى، قۇرۇلۇش مەيدانى، ۋوگزال، يۈك تىرانسپورت بېكىتى (ئەشيا ئوبوروت رايونى، ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كۆكتات يىغىش – تارقىتىش مەيدانى، قاچىلاش – چۈشۈرۈش مەيدانى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  4- ماددا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەسىدىن باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە يول يۈرۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

      5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنى تەشكىللەپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنى تەشكىللەپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

   يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

   2 – باب چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى تۈزەش مەسئۇلىيىتى

  6 – ماددا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  7 – ماددا قاتناش – تىرانسپورتقا مەسئۇل تارماقلار يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى تۈزەشنى تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تۈزەش ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە يۈرگۈزۈپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، يولدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تۈگىتىدۇ؛ يۈك تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرىنىڭ توشۇش – قاچىلاش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  8 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ باشقۇرۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى (نۇقتىلىرى) نىڭ قاتناش تەرتىپى ۋە ئامانلىق تەرتىپىنى قوغدايدۇ؛ يولدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  9 – ماددا ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشىدىغان ياكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى بايقىغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنىدۇ.

      10 – ماددا سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنە – ئەسلىھەلىرىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەم تەكشۈرۈش ياكى مىقدار ھېسابلاشتا سېلىشتۇرۇپ توغرىلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، توشۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئىسپات ئالمىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  11 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى سېتىش، رېمونت قىلىش تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇرۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ ياساش قىلمىشلىرىنى، قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنى، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىللارنى قانۇنسىز سېتىش ياكى بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  12 – ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىش، ئارىلاشتۇرۇپ بېسىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ.

  13 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش – ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىناۋەت بويىچە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىشى كېرەك.

  14 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ:

  1) يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشى 3 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە؛

  2) يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشى 3 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە؛

  3) يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ قاچىلاش، سەپلەش قىلمىشى 3 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە؛

  4) يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىللىرى شۇ ئورۇننىڭ ئاپتوموبىللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10ىدىن ئېشىپ كېتىپ، يۈل تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەتنى توختىتىپ سېلىشقا بۇيرۇغان بولسا؛

  5) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارىتى قىلىدىغانلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، تىجارەت ئىجازىتى بىكار قىلىنغان بولسا؛

  6) ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشقا بۇيرۇپ، مەجبۇرىلاپ، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويغان ياكى بىر يىل ئىچىدە 3 قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسا؛

       7) ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغان ياكى ساختا ماتېرىيال تەمىنلەپ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش مەمۇرىي ئىجازىتى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ياكى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن مەمۇرىي ئىجازەت ئالغان بولسا؛

  8) چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان شوپۇر، يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى، چوڭ – چوڭ يۈك توشۇش كارخانىلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى ئورۇنسىز رەت قىلسا ياكى ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا؛

  9) قاتناش توسۇپ قويغانلىق، چازىدىن زورلۇقتا بۆسۈپ ئۆتكەنلىك، زوراۋانلىق بىلەن قانۇنغا قارشىلاشقانلىق، مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسا؛

  10 ) قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىپ زور جاۋابكارلىق ھادىسىسى پەيدا قىلغان بولسا ھەم ئوخشاش جاۋابكارلىقتىن يۇقىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا؛

  11 ) زوراۋانلىق بىلەن قانۇنغا قارشىلىشىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.

  15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنى تەشكىللەپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش تەشكىلىي شەكلى، تەرتىپى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى تەشكىللەپ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇرۇپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  16 – ماددا قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاردىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

     17 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشى، يۈكنى چەكتىن، نورمىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇپ باسقان ياكى يۈكنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ باسقانلىقتىن ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشى، قاچىلىغان، سەپلىگەن يۈك مەنبە ئورۇنلىرى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان ياكى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان كارخانىلار، ئاپتوموبىل قاراشلىق ئورۇنلار ھەمدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ ياكى شەخسنىڭ سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

   3 – باب مەنبەسىدىن باشقۇرۇش

  18 – ماددا ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوقنىڭ كۆتۈرۈشلۈكى، ماسسا چەك قىممىتى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە لايىھە ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىش كېرەك.

  19 – ماددا قۇراشتۇرۇلغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.پارچىلىغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى توشۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى ئۆزگەرتىپ ياساش زۆرۈر بولغاندا، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئاپتوموبىل تىپى ۋە تېخنىكا كۆرسەتكۈچى بويىچە ئۆزگەرتىپ ياسىشى ھەمدە قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۈك ئاپتوموبىلىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئاپتوموبىل تىجارەت تىرانسپورتى گۇۋاھنامىسى بېجىرىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىپ ياساش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ قۇراشتۇرۇلغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ ياسالغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تىزىمغا ئالماسلىقى، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامە بەرمەسلىكى ۋە تەكشۈرمەسلىكى لازىم.

  20 – ماددا يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

  1) يۈك بېسىش خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، يۈك بېسىش، تالون كېسىش، ئېغىرلىق ئۆلچەش خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك؛

  2) يۈك بېسىش مەيدانىدا ئېغىرلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش ھەمدە ئېغىرلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۆلچەش ئىقتىدارىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك؛

  3) ئۆز ئورنىنىڭ يىراق مۇساپىلىك سىنلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراپ، نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

  4) يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ پىراۋىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئاپتوموبىل تىرانسپورت گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىنى تىزىملىتىش كېرەك؛

  5) يۈك ئاپتوموبىلغا يۈك بېسىش تەلىپى بويىچە قاچىلاش، سەپلەش، ئېغىرلىقنى ئۆلچەش، تالون كېسىش ۋە قاچىلاش تالونى بېرىشتە ئەينەن بولۇشى كېرەك؛

  6) يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈك بېسىش، سەپلەش ئەھۋالىنى تىزىملاش، ئىستاتىستىكىلاش، مال قاچىلاش ئارخىپى تۇرغۇزۇش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوللاش كېرەك؛

  7) قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش، ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلەش كېرەك.

  21 – ماددا يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك:

  1) يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش، سەپلەش؛

  2) نومۇر تاختىسى يوق، كىنىشكىسى يوق ياكى كىنىشكىلىرى تولۇق بولمىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا يۈك قاچىلاش، يۈك سەپلەش؛

  3) تىزىمغا ئالدۇرۇلغان قۇرۇلمىسىنى، تۈزۈلمىسىنى ياكى ئالاھىدىلىكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا يۈك قاچىلاش، يۈك سەپلەش؛

  4) چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىللارغا ساختا قاچىلاش ئىسپاتى تەمىنلەش.

  22 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ ئۆز مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە تۈزۈپ، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنىڭ مەزمۇنلىرى، شەكلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  23 – ماددا يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى چارلاپ تەكشۈرۈش، تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ياكى نۇقتىدا تۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق يۈك توشۇش مەنبە ئورۇنلىرىنىڭ يۈك بېسىش نەق مەيدانىغا بولغان نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

  1) يۈك قاچىلاش خىزمەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىش ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش؛

  2) يۈك قاچىلاش، سەپلەشنى تىزىملاش، ئىستاتىستىكىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

  3) يۈكنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ قاچىلاش قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا دەرھال توسۇش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش؛ ئۆز تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا كىرمەيدىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  24 – ماددا يۈك تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، ئۆزىگە قاراشلىق يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى قانۇن بويىچە قاچىلاش ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرى ھەققىدە تەربىيەلىشى كېرەك، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەسلىكى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشقا قۇتراتماسلىقى، مەجبۇرلىماسلىقى لازىم. 

     25 – ماددا يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى يۈك توشۇش جەريانىدا يۈك قاچىلىغان ئىسپاتنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك، ئەمەلىي قاچىلىغان ئەھۋالى بىلەن قاچىلىغان ئىسپاتىدا يېزىلغان مەزمۇن ئوخشاش بولۇشى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىمەسلىكى كېرەك.

   4 – باب يول يۈرۈشنى باشقۇرۇش

  26 – ماددا يۈك ئاپتوموبىللىرى گەۋدىسىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوقنىڭ كۆتۈرۈشلۈكى ياكى ئومۇمىي ماسسىسى دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن چەك قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى قاتناش بەلگىلىرىدە كۆرسىتىلگەن ئېغىرلىق، ئېگىزلىك، كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق چەك ئۆلچەملىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە يۈك ئاپتوموبىللىرى باسقان يۈكنىڭ ماسسىسى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تاشيولدا مېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  27 – ماددا يۈك ئاپتوموبىللىرى پارچىلىغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى توشۇش ئۈچۈن چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرغاندا، قانۇن بويىچە چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتى ئېلىشى، يول خەتتە خاتىرىلەنگەن ۋاقتى، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىلنىڭ تىپى ۋە باسقان بۇيۇملىرى يول خەتتە خاتىرىلەنگەن مەزمۇن بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، ماشىنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېسىشى كېرەك.

  28 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، مۇۋاپىق تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە تاشيولدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشى كېرەك.يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن تاشيولدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىش زۆرۈر بولسا، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىنى تاشيولنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى قاتارىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، تاشيول ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ پىلانلاش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش كېرەك.چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈسكۈنە – ئەسلىھەلەرنى سەپلەش كېرەك، نازارەت قىلىش تېلېفونى، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقاننى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئاشكارىلاش كېرەك.

  29 – ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، يول ئەھۋالىغا ئاساسەن، سەييارە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ياكى جانلىق تەكشۈرىدىغان تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇھىم يول بۆلەكلىرىنىڭ يول ئېغىزلىرى، مال يىغىش – تارقىتىش ئورۇنلىرىنى، يۈك قاچىلاش نۇقتىلىرى ياكى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش قىلمىشى ئاسان يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە تەكشۈرسە بولىدۇ. سەييارە تەكشۈرۈش داۋامىدا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقاننى بايقىغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.جانلىق تەكشۈرىدىغان تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ يۈك ماشىنىلىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلىقىنى بايقىغاندا، يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈك ماشىنا ئومۇمىي ماسسىسى، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى قاتارلىق ئۇچۇر خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىگىسىگە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە شۇ جايدىكى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرۇش لازىم.

  30 – ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆرسىتىش بەلگىسىدە ياكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىدا كۆرسىتىلگەن رايونغا كىرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  31 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىللارغا ئېلىپ كېتىش ياكى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى تەتبىقلىسا بولىدۇ، لېكىن ئالاقىداردىن بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ:

       1 ) تاشيولنى، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ يولىنى قەستەن توسۇۋالسا؛

  2 ) چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن مەجبۇرىي بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرسا؛

  3 ) ئايلىنىپ ئۆتۈش، قىسقا ئارىلىقتا يۈك ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈشتىن قاچسا؛

  4) چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول خېتىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەتكە خىلاپلىق قىلىپ يۈل يۈرسە.ئالدىنقى تارماقنىڭ 1 – ، 2 – تارماقچىسىدىكى قىلمىش شەكىللىنىپ، قاتناش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىشى، راۋانلاشتۇرۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  32 – ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلىقىنى بېكىتىشتە، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغان ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۆلچەپ، تەكشۈرۈش ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىشى، كۆز بىلەن ياكى تەجرىبىگە ئاساسەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان – باسمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماسلىقى لازىم.

  33 – ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىلنىڭ توشۇغىنى پارچىلىغىلى بولىدىغان بۇيۇم ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى توشۇغۇچىنى يۈكنى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈرۈش، بۆلۈپ قاچىلاش قاتارلىق تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالەتنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. يۈك چۈشۈرۈلگەن، بۆلۈپ قاچىلانغاندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى قايتا تەكشۈرۈش كېرەك، بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگەندىن كېيىن يولغا چىقىشقا بولىدۇ. پارچىلاشقا بولمايدىغان بۇيۇملارنى ئۆز ئالدىغا توشۇسا، توشۇغۇچىغا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇشى ھەمدە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىجازىتى رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.توشۇغۇچى بۆلۈپ قاچىلىغان، چۈشۈرگەن يۈكنى ئۆزى ساقلاشقا ئىلاجىسىز قېلىپ، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ۋاقىتلىق ئامانەت قويۇشنى زۆرۈر تاپسا، قانۇن بويىچە ساقلاش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك. كېلىشىمدىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توشۇغۇچىغا سۈرۈك ئىچىدە يۈكنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ چۈشۈرگەن يۈكنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىسە، توشۇغۇچى قانۇن بويىچە ساقلاش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

  34 – ماددا تۆۋەندىكى يۈكلەرنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىپ توشۇسا، يۈك چۈشۈرۈش، بۆلۈپ قاچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەتبىقلىماسلىق، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە جازا بېرىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى قانۇن بويىچە ئالاھىدە مال توشۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۇقتۇرۇش لازىم:

  1) پارچىلاشقا بولمايدىغان تۈردىكى ماللار؛

  2)توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئۆلچەملىك قېلىپتىكى ماللار؛

  3) كۆكتات، مېۋە – چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ياكى قۇش، بېلىق تۈرىدىكى ۋە باشقا تىرىك مەھسۇلاتلار؛

  4) ماي تۈرىدىكى، يانىدىغان گاز تۈرىدىكى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار تۈرىدىكى ياكى باشقا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان تۈردىكى ماللار؛

  5) قانۇن بويىچە يۈك چۈشۈرۈش، بۆلۈپ قاچىلاش تەتبىقلانمايدىغان باشقا ماللار.

  35 – ماددا تاموژنا چېگرادىن كىرگەن – چىققان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە، تەكشۈرگەندە، ئاپتوموبىلنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلىقىنى بايقىسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىشى، يۈكنى چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ باسقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  36 – ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:

  1) ئالاقىدارنى ھاقارەتلەش، ئۇرۇش؛

  2) ئاپتوموبىلنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىش، چۈشۈرگەن يۈكلەرنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش؛

  3) چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان قانۇنغا خىلاپ ھالىتىنى تېخى تۈزەتمىگەن ئاپتوموبىلنى قويۇپ بېرىش؛

  4) قانۇن بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلارنى ئىجرا قىلماسلىق ياكى جەرىمانە قويۇپلا، يۈك چۈشۈرمەسلىك، جەرىمانە قويۇپلا نومۇر خاتىرىلىمەسلىك؛

  5) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇنىڭغا يان بېسىش، يول قويۇش؛

      6) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا قىلمىشلار.

   5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  37 – ماددا بۇ چارىنىڭ 18 – ماددىسى، 19 – ماددىسىنىڭ 1 – تارىمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەر بويىچە جازالايدۇ.

  38 – ماددا بۇ چارىنىڭ 21 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  39 – ماددا بۇ چارىنىڭ 25 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە شوپۇرغا نومۇر خاتىرىلەيدۇ:

  1) ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىلغان يۈك نورمىدىن %30تىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن بولسا، بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؛

  2) ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىلغان يۈك نورمىدىن %30كە يەتمىسە، بىرقېتىمدا 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؛

  3) ئاپتوموبىلغا چەكتىن ئاشقان پارچىلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى بېسىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەتتە ھەيدىگەن بولسا ياكى روشەن بەلگە ئاسماي ھەيدىمىگەن بولسا ، بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؛

  4) ئاپتوموبىلغا بېسىلغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بىر قېتىمدا 1 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

  بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە جەمئىي خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 نومۇردىن ئېشىپ كەتكەن شوپۇرنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

     40 – ماددا ئاپتوموبىللارنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي خادىملار مۇشۇ چارىنىڭ 36 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

   6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  41 – ماددا بۇ چارە 2018 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.