ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ يۈجيې خەۋىرى): شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى پەكىچى يېزىسى سىيەك كەنتى ئاھالىسى ئاماننىسا ئابدۇكېرىم نەچچە كۈندىن بۇيان ئاشلىق-ماي دۇكىنىنى بېزەش بىلەن ئالدىراش بولدى، يېڭى دۇكان ئېچىلىش ئالدىدا ئۇ دۇكان بېزەش بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كىشىگە: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەن بۇ ئاشلىق-ماي دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ناھىيە بازىرىدا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىمەن» دېدى.
سىيەك كەنتىدە 2166 ئادەم بار، كەنتنىڭ تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 6127 مو كېلىدۇ، تېرىقچىلىققا يەر، چارۋىچىلىققا ئوت-چۆپ، سودىغا دۇكان كەمچىل بولۇش سىيەك كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىزچىل چەكلەپ كېلىۋاتقان «بوغما ھالەت» ئىدى. ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىپ، سىيەك كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىيەك كەنتى ئۇنىۋېرسال سودا رايونى قۇردى. بۇ تۈرنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 10 دۇكان بولۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 404 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھازىر بۇ 10 دۇكانغا سودىگەر چاقىرىپ بولۇندى.
ئىگىلىنىشىچە، سىيەك كەنتى سودا رايونى 1-قارار تۈرىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال دۇكىنى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دۇكىنى، ئاشلىق-ماي دۇكىنى، ناۋايخانا، ئاشخانا، ساتىراشخانا، راڭپىزا دۇكىنى، خەت ئۇرۇش-نۇسخىلاش دۇكىنى مەركەزلەشكەن بولۇپ، سىيەك كەنتى ئۇنىۋېرسال سودا رايونى شەكىللەندۈرۈلۈپ، قىيىنچىلىقى بار 10 نەچچە ئامما ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ رايوننىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.