سۈرەتتە: يېڭى سورتلۇق بەسەيدىن ھوسۇل ئېلىندى
ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز خۇ رېنۋېي، ياۋ شياڭدۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى شىقىبېغى كەنتى ئاھالىسى نۇرىمانگۈل ياسىن ئائىلىسى تېرىغان ئۈچ مو يەردىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق بەسەيدىن 11-ئايدا ھوسۇل ئېلىندى. ئۇ توق، سېلىق، ياپيېشىل «ئىچى سېرىق ئەتىيازلىق بەسەي» لەرگە قاراپ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى. ئۈچ مو يەردىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق بەسەي ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى 8000 يۈەن ئاشۇرغان ئىدى.
جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدا «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن كۈزلۈك كۆكتاتلار ئىچىدىكى بەسەينىڭ كىشىلەر قىشتا «كۆپ يەيدىغان كۆكتات» ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بەسەينىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا، بازىرى ئىتتىك «ئىچى سېرىق ئەتىيازلىق بەسەي» يېڭى سورتىنى كىرگۈزدى ھەمدە 15 نامرات ئائىلىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىگە يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە توققۇز كۆكتات پارنىكى قۇرۇپ بېرىپ، سۇلياۋ يۇپۇق تارقاتتى، كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدى.