خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چارە تېپىپ چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2018年11月07日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا ساياھەتچىلەر «ئۆزگىچە سەييارە مال سېتىش ئاپتوموبىلى» دىكى بۇيۇملارنى تاللىماقتا.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كەنت (مەھەللە) لەردە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، «خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەل قەلبىنى مۇستەھكەملىدى ۋە مايىل قىلدى. ناھىيە بويىچە 71 خىزمەت ئەترىتىدىكى 500 گە يېقىن ئەزا كەنت، مەيدان (مەھەللە) لاردا خەلقتىن پىكىر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى. قۇتۇبى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى قىزىلتاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلارغا «ئۆزگىچە سەييارە مال سېتىش ئاپتوموبىلى» تەييارلاپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.