مەمەت نەجىم ۋە ئۇنىڭ خۇنەنلىك سىڭلىسى

日期:2018年10月17日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

  تاڭ ۋېنبىننىڭ ھېكايىسى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا

  ‹‹ھېلىمخان ھەدەمنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سالامەتلىك ئەھۋالى قانداقراق؟ مەمەت ئاكام ۋاقتىدا كېلىپ قايتا تەكشۈرتتىمۇ؟›› 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلغان جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى بۆرەك ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى، تېببىي پەن دوكتورى تاڭ ۋېنبىن ھېلىھەم ئۇ يەردىكى ئاغرىقلاردىن ئەنسىرەپ، ئىلگىرى بىللە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىدىن ئاغرىقلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.

  بۇلتۇر 2 – ئايدا، تاڭ ۋېنبىن تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى، بىر يېرىم يىل ۋاقىتتا ئۇ، بۇ يەردىكى ئاغرىقلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مەمەت نەجىم تاڭ ۋېنبىننى تىلغا ئالغاندا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: سىڭلىم بىلەن ۋەدىلىشىپ قويدۇم، ئون يىلدىن كېيىن ئۇ مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ. سىڭلىمنىڭ ياخشى داۋالىنىشىم ئۈچۈن مەدەت بەرگەنلىكىنى بىلىمەن، سالامەتلىكىمنى چوقۇم ياخشى ئاسراپ، ئۇنىڭ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈشىنى كۈتىمەن.

  تاڭ ۋېنبىن تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يېڭىلا كەلگەندە، دوختۇرخانا بۆرەك ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ تېببىي خادىملىرى ئىنتايىن كەمچىل ئىدى. ئۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىش، كېسەل كۆرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىش، كېسەلخانا تەكشۈرۈشكە قاتناشتى، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى.

  بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى سەھەردە، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىق مەيدىسى چىڭقىلىپ، نەپىسى قىيىنلاشقاچقا، ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان تاڭ ۋېنبىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ يۈرەك سول دالانچىسى زەئىپلىشىش كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇپ داۋالىدى. بەزى دورىلارنى ئاغرىقنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشەشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، تاڭ ۋېنبىن كېچىچە ئاغرىقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كېسەل ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، دورا تەڭشىدى. ئاغرىقنىڭ نەپىسى ئاستا – ئاستا مۇقىملىشىپ چىرايى ئوڭشالدى ھەم دوختۇرغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، بۇنىڭ بىلەن، تاڭ ۋېنبىننىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ خاتىرجەم بولدى.

  بۇ ئاغرىق دەل مەمەت نەجىم ئىدى، كېيىنكى مەزگىلدە تاڭ ۋېنبىن مەمەت نەجىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ھەم پۇل تېجەيدىغان، ھەم ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنى قاننى دىئالىزلاپ داۋالىنىشقا يېتەكلىدى، تاڭ ۋېنبىن بىلەن مەمەت نەجىم ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن تۇغقانلاردەك دوستلۇق ئورناتتى. مەمەت نەجىم مىننەتدارلىق بىلەن تاڭ ۋېنبىنگە مۇنداق دېدى: سىز مېنىڭ سىڭلىم، بىز ئۆمۈرلۈك تۇغقان.

  بۇ يىل 2 – ئايدا، تاڭ ۋېنبىننىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن خۇنەنگە قايتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەمەت نەجىم ئەر – خوتۇن ئۆزلىرى سالغان ساڭزىنى ئېلىپ، سەھەردىلا تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا باردى. 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تاڭ ۋېنبىن تېلېفوندا ماڭا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ھاۋا بەك سوغۇق ئىدى، مەمەت ئاكا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى مىنىپ ماڭا ساڭزا ئەكەپتۇ، مەن بەكمۇ تەسىرلەندىم، بۇنداق چىن مۇھەببەت ھەرقانداق سوۋغىدىنمۇ قىممەتلىك!

  ھېلىمخان نىيازمۇ تاڭ ۋېنبىن داۋالىغان ئاغرىقلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ۋېنبىن ئوتتۇرىسىدىمۇ ئون يىللىق ۋەدە بار. ھېلىمخان نىيازنىڭ بۆرەك كېسىلى بار، داۋالاش جەريانىدا تاڭ ۋېنبىن ئۇنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى. ھېلىمخان نىيازنىڭ نەزەرىدە تاڭ ۋېنبىن خۇددى قىزىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن. ھېلىمخان نىياز مۇنداق دېدى: قىزىم كېتىش ئالدىدا ئون يىلدىن كېيىن مەن بىلەن قايتا دىدارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، كېسىلىمنى ياخشى داۋالىتىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىمەن.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تۇرپاندىن كېتىدىغان چاغدا، تاڭ ۋېنبىن داۋالىغان ئاغرىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمىدى، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي يىغلاپ كەتتى. كېتىش ئالدىدا تاڭ ۋېنبىن ئاغرىقلار بىلەن ئون يىللىق ۋەدىلىشىپ، ھەربىر ئاغرىققا مۇنداق دېدى: ياخشى داۋالىنىڭلار، ئون يىلدىن كېيىن قايتا جەم بولايلى!

  تاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا ناھايىتى كۆپ ھېس – تۇيغۇلارغا ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ دوختۇر بىلەن ئاغرىقلار ئوتتۇرىسىدىكى چىن مۇھەببەتنىڭ ۋەزنى شۇنچە ئېغىر.