«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى تۇغقانلارنى جەم قىلدى

日期:2018年10月19日
来源:天山网
【字体:

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ياڭ خۇڭبىڭ خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى يېڭىبازار كەنتىنىڭ پائالىيەت ئۆيى قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، شەھەرلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى، ئۈچ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى ۋە تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتى، يېڭىبازار كەنتى، تۆۋەنكى يېڭىبازار كەنتىنىڭ ئاھالىلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

  پائالىيەتتە كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، ئۆز كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئەۋەتكەن ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ياردەم بېرىش، يۆلەش ئوبيېكلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدى-كېيىن بولۇپ تۈرلۈك دوستلۇق پائالىيەتلىرىدىن 15 مەيدان (قېتىم) ئورۇنلاشتۇرۇپ، دوستلۇق پائالىيىتى شەكلىدە قوشماقلاشقان تۇغقانلار، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، دوستلۇق ھەققىدە سۆزلەشتى، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.