تۇغقىنىم مېنى شەھەرگە ئېلىپ كىردى

日期:2018年10月26日
来源:天山网
【字体:

   ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۇشيا خەۋىرى): شوخ ئۇسسۇل، ئوچۇق چىراي، سەمىمىي ھال سوراشلار... تولى ناھىيەسى ئۆرشۆلىت يېزىسى تۈزتوغراق كەنتىدىكى بىر قىسىم چارۋىچىلار 10-ئاينىڭ 16-كۈنى باشقىچە ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى.

  شۇ كۈنى ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تۈزتوغراق كەنتىدىكى 90 نەچچە تۇغقىنىنى چۆچەك شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

  «يېقىندىن بۇيان قانداقراق كېتىۋاتىسىز، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ...»، «ماقۇل، مەن بۈگۈن بەك ھاياجانلاندىم، شەھەردە تۇغقىنى بولسا بەك ياخشى بولىدىكەن...» كادىر سۈن دۇڭلىڭ بىلەن تۇغقىنى نۇرداۋلەت كۆرۈشۈپلا قىزغىن ئەھۋاللاشتى.

  پائالىيەتتە ھەر مىللەت كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتتى، بىرلىكتە تاماق يىدى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  نۇرداۋلەت: «مەن بۈگۈن بەك خۇشال، تۇغقىنىمنىڭ مېنى چۆچەك شەھىرىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، تاڭ يورۇماستىنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۇغقىنىمنىڭ كېلىپ مېنى ئېلىۋېلىشىنى ساقلىدىم. بۇ مېنىڭ چۆچەك شەھىرىنى تۇنجى قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىشىم. تۇغقىنىم ئادەتتىمۇ ماڭا ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ، تۇغقىنىمغا رەھمەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت» دېدى.

  كادىرلار يەنە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ۋىلايەتلىك قىزىل ئۆي مۇزېيى، چۆچەك شەھىرى مولوتوف مەكتىپى، باقتۇ پورتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت تۇغقانلىرىغا تارباغاتاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.