«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتى ئارقىلىق تۇغقانلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى

日期:2018年10月29日
来源:天山网
【字体:

    ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارى مۇخبىرلار چى نا، چېن شيا خەۋىرى): چۆچەك شەھىرى ئېمىل يېزىسى ليۇشېڭ كەنتى ئاھالىسى لى پىن مۇنداق دېدى: «مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم، ئىلگىرى ئاككوردىيون مۇزېيىغا كېلىپ باقمىغان ئىدىم، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق نەزەر دائىرەم راستىنلا ئېچىلىپ قالدى، نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم».

  چۆچەك شەھىرى ئېمىل يېزىسى يېقىندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى، پائالىيەتتە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلار يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ پىكىرلەشتى، ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا تۇغقانلارنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇرلىشىپ، ھېسسىياتى يېقىنلاشتى.

  ئېمىل يېزىسىنىڭ 27 كادىرى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان 27 ئاھالە بىلەن چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مۇزېيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى.

  شۇ كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كادىرلار تۇغقانلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى ھەمدە بىللە تاماق يەپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.