قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى

日期:2018年11月10日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئازادە، يورۇق دەرسخانا، تولۇق ئىقتىدارلىق پائالىيەت ئۆيى، كەڭ، بىخەتەر پائالىيەت مەيدانى... مۇخبىر 11-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى باشاقچى كەنت يەسلىسى شارائىتىنىڭ شەھەردىكى يەسلىلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆردى.

  بۇ يىل 6-ئايدا كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنى ۋە 1-شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلىرى قۇياش نۇرى يەسلىسىنى قۇرۇپ، كەنتتىكى بالىلارغا ئىللىق، ئازادە تۇرمۇش مۇھىتى تەمىنلىدى.

  11-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16:00 دە باشاقچى كەنت كومىتېتى رادىيودا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1-شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مەمەتئەلى ئۇبۇلنىڭ سائەت 18:00دە كۆپچىلىككە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇزاق ئۆتمەيلا تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ئامما پائالىيەت ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى ئىچىدە مەمەتئەلى سەھنىگە چىقىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرۈشنىڭ زىيىنى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلىدى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ «داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى» 2016-يىلى 7-ئايدا زاۋا بازارلىق دوختۇرخانىدا رەسىمىي قۇرۇلدى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1-شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قەرەللىك كېسەل كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ساغلاملىق ھەققىدە مەسلىھەت بەردى ۋە ئۇلارغا داۋالاش مۇلازىمىتى تەمىنلىدى، شۇنداقلا يەنە شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەملەشتى.