خوتەن شەھىرى ناۋاغ كوچا باشقارمىسى جامە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز
ئالدى بىلەن، مەن چىن قەلبىمدىن ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن! كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى ياخشى! مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇم؟ چۈنكى، پەيزاۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىدە نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق شۇنى ئېنىق كۆردۈمكى، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن كىشىگە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپتۇ.
تەلىم- تەربىيە ئۇلارنى «قانۇن قارىغۇسى»دىن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان «جەمئىيەت ئادىمى»گە ئايلاندۇرۇپتۇ. ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى، مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ، قارىغۇلارچە ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئويدۇرۇپ چىققان «دىنىي قائىدە»، «ئائىلە قائىدىسى» بويىچە ئىش قىلىپ، جاھاننى بېشىغا كىيىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان يامان يولغا ماڭغانىدى. ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلارغا قانۇن بىلىملىرىدىن مەركەزلىك دەرس ئۆتۈشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپتۇ، ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن قانۇندىن ئەيمىنىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن تەدرىجىي يىراقلاشتۇرۇپتۇ ھەم ئۇلاردىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى ھەم قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قاپتۇ. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىگە، بولۇپمۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلغانلىقىغا قوللاش ئاۋازى بېرىمەن!
تەلىم- تەربىيە ئۇلارنى «قانۇن قارىغۇسى»دىن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى بىلىدىغان «مەدەنىيەتلىك ئادەم»گە ئايلاندۇرۇپتۇ. مەن ئىلگىرى ئىچكىرىگە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە بارغان، مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى، ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇيۇم دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش بولغانىدى! چۈنكى، جېجياڭنىڭ يىۋۇدا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىن ئوخشاش بولمىغان تىل، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا تۈركۈملەپ كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. بۇ مەزگىلدە، مۇنداق بىر ئەھۋال مېنى خىجىل قىلغانىدى. مەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئۇلار تەشەببۇسكار ھالدا پۇتۇڭخۇادا مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولدى، ئەينى چاغدا مەن چۈشەنمىگەچكە، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالغانىدىم. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى ۋە ياخشى كۆڭلىنى توغرا چۈشەنمەي، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى رەت قىلغانىدۇق، ھازىر ئويلاپ كۆرسەك، بۇ نېمە دېگەن ھاماقەتلىك- ھە! پەيزاۋات ناھىيەلىك، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىتىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى قىلغانلىقىدىن، مەن چىن قەلبىمدىن بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم. بەزىلەر ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان، تونۇمايدىغان بولۇپ، ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئارقىلىق ئادەتتىكى پىكىر ئالاقىسى قىلالايدىغان بوپتۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋى جەمئىيەتكە ماسلىشالىغۇدەك. مەن چىن قەلبىمدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دانا تەدبىرىگە تۈمەنلەپ ئالقىش ياڭرىتىمەن!
تەربىيە ئۇلارنى «بىكارچى»لاردىن كەسپىي ماھارەت ئىگىلىگەن «قالتىس ئادەم» لەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماھارەت ئۆگىتىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، جەمئىيەتكە قايتىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، شۇ جاينىڭ جەمئىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن كىيىم- كېچەك، باش كىيىم، ئاياغ تىكىش، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، بەت ياساش، باسمىچىلىق، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ماھارەت تەربىيەسى دەرسلىرىنى تەسىس قىپتۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئارزۇسى، شارائىتى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كۆپ خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن بىردىن ئىككىگىچە كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىپتۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يەنە كىيىم تىكىش، يان تېلېفون قۇراشتۇرۇش، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، دەرس ئۆگىنىش بىلەن پىراكتىكا مەشغۇلاتىنى بىرلەشتۈرۈپتۇ ھەم «پىراكتىكا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى+مەشغۇلات ئىشىغا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش» ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئەمگەك ھەققى تارقىتىپ، «ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇش»تەك ياخشى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى «ئىشسىز بىكارچى»لاردىن كەسپىي ماھارەتكە ئىگە كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا ياردەم بېرىپتۇ. مەن چىن قەلبىمدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلقنى سۆيۈش تەدبىرىگە مىڭلاپ ئاپىرىن ئېيتىمەن!
تەلىم- تەربىيە ئۇلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق، ئائىلىگە مەسئۇلىيەتچان «زامانىۋى ئادەم»گە ئايلاندۇرۇپتۇ. پىراكتىكا قىلىۋاتقان بىر تەربىيەلەنگۈچى ماڭا: «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىكار تەلەپ، ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار، كۈنبويى قانداق قىلىپ <جەننەت>كە كىرىشنى خام خىيال قىلىدىغان، بەزى ناتوغرا، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، خوتۇن- باللىرىم بىلەن كارىم بولمىغان، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغانىدىم، يەنە ئاتالمىش <تەڭرى> ئەرلەرگە ئاتا قىلغان ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، خوتۇنۇمنى خارلاپ، ئاتا- ئانامنى ھاقارەتلەپ، بالىلىرىمنى خالىغانچە تاشلىۋېتىپ، ئائىلەمگە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانىدىم. ھازىر تەلىم- تەربىيە ئارقىلىق، بىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭلا ھەقىقىي بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىنى، گۈزەل، بەختلىك ئائىلىنىڭلا ئۆزۈمنىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھازىر ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئايدا 1500 يۈەن ئەمگەك ھەققى ئالالايمەن، كىرىمىم ئاشتى، ئائىلەمگە ياراملىق ئادەم بولدۇم، ئاتا- ئاناممۇ ماڭا توغرا كۆزدە قارايدىغان، خوتۇنۇم تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان، بالىلىرىممۇ مېنى لاياقەتلىك دادا دەپ قارايدىغان بولدى، مەنمۇ ھەقىقىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۆزۈمگە قايتتىم، ئائىلەمنى تاپتىم، قەدىر- قىممىتىم بىلەن ئائىلىگە قايتالايدىغان بولدۇم» دېدى. مەن چىن قەلبىمدىن ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە 100 نومۇر قويىمەن!