ئونسۇ ناھىيەسى: زاۋۇت ئىشىكى ئالدىغىلا قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى بار بولدى

日期:2020年10月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرگو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يىن خەۋىرى): «ئەگەر لياۋ ۋېي ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىنى كەنتكە قۇرمىغان بولسا، دادام ئىككىمىز ئىشىكىمىز ئالدىدىلا بۇنداق ياخشى خىزمەتنى تاپالمايتتۇق. كىرىمى يامان ئەمەس، يەنە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمىز. زاۋۇت ئىشىكىمىز ئالدىغا قۇرۇلۇپ بەك ياخشى بولدى!» 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدىكى دېھقان مەردان مەمەت شۇنداق دېدى.

مەردان مەمەت تىلغا ئالغان لياۋ ۋېيبۇ كەنتتىكى چېڭرۈن مېۋە-چېۋە چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئىدى.

2008-يىلى، لياۋ ۋېي ئاتا ـ ئانىسىغا ئەگىشىپ سىچۈەندىن ئونسۇ ناھىيەسىگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلدى. 2011- يىلى، ئۇ چاغراق كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ، 40 مو ياڭاقلىقنى ھۆددىگە ئالدى.

چاغراق كەنتىدە 12 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ياڭاق تېرىلغان بولۇپ، تارقاق پەرۋىش قىلىنغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەچكە، ياڭاقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ياخشى باھادا ساتقىلى بولمايتتى. ياڭاق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئارزۇسى بولۇپ قالدى، ئەمما، ھېچكىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى. بۇ چاغدا لياۋ ۋېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزى 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە چېڭرۈن مېۋە ـ چېۋە چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ، ئاساسلىقى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلىدى. بۇ تۈردە 2019-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چاغراق كەنتىدە ياڭاق سېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغاندىن باشقا، يەنە كەنتتىكى 50 نەچچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن مەردان مەمەت ئىلگىرى سىرتتا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئايلىق مائاشى 1800 يۈەن ئىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئامالسىز كەنتكە قايتىپ كەلدى. كەنتتە چېڭرۈن مېۋە ـ چېۋە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-بالا ئىككىيلەن لياۋ ۋېينىڭ شىركىتىگە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ، ئېيىغا 3000 يۈەندىن مائاش ئالىدىغان بولدى. مەردان مەمەت مۇنداق دېدى: «ئىشىك ئالدىدىكى زاۋۇتتا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇشنىڭ مائاشى سىرتتا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇشنىڭ مائاشىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن، بۇنداق ياخشى ئىش بىزنىڭ ئائىلىمىزگە توغرا كېلىپ، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇق».

ئابدۇۋەلى ئەمەت ئىلگىرى ھاراقنى كۆپ ئىچەتتى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قالايمىقان ئىدى. ئىشىك ئالدىدىكى ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ ھەر ئايلىق ئاساسىي مائاشى 4800 يۈەن، ئۇنىڭغا سائىتىگە 20 يۈەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى قوشقاندا، ھەر كۈنى تۆت سائەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، ئايلىق مائاشى 6000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئابدۇۋەلى ئەمەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ ئۆستۈرگەن ياڭاقنى ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى ئالدىن سېتىۋالغان بولۇپ، باھاسىمۇ سىرتنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. ئۇ ئۆيىدىكى ياڭاقلارنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئىشىكى ئالدىدىلا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تاپتى.

«مەن چاغراق كەنتىگە يېڭى كەلگەندە، يۇرتداشلار ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. ھازىر كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىم بار، شۇڭا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىم كېرەك.»لياۋ ۋېي ھازىر چېڭرۈن مېۋە ـ چېۋە چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ تېخى بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.