ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: ياڭاق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2020年10月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر پەن تىڭ): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە 200-300 يىللىق ياڭاق دەرەخلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياڭاق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 314 مىڭ موغا، مەھسۇلات مىقدارىنى 57 مىڭ 200 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتىنى تەخمىنەن 860 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ياڭاق قاتارلىق باغۋەنچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم دېھقانلار ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %46نى ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېتەكچى كەسىپ بولۇپ قالدى.

ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىن، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈپ تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى قۇرۇش ئارقىلىق، باشلامچى كارخانا ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت قىلىدىغان، «يېزا-كەنت نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى بىلەن، «كەسىپ + ئىشقا ئورۇنلىشىش» قوش كىرىم ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، يېزىلىق باغۋەنچىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنى ياڭاق پۇتاش، ئۇلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكىلىق پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، يېزا-كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرى ياڭاقنى بازار باھاسى بويىچە سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، يېزا-كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرى ئاساسلىقى ياڭاقنى كۆك پوستىنى ئېلىۋېتىش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىش، پوستىنى يېرىش، مېغىزىنى ئېلىش قاتارلىق دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى ئىشىك ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياڭاق كەسپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.