مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە دەل جايىدا كۈچىدى

日期:2020年10月12日
来源:天山网
【字体:

لوپ ناھىيەسى:

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە دەل جايىدا كۈچىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جېڭ جو، ليۇ يى، زوۋ يى، جۇڭ جاۋفېڭ

9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سەھەردىلا، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى خوراز توغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەرئەلى پېردۇن ئىشىكى ئالدىدىكى شىيۈچۇن سۈتچىلىكى نەسىللىك سۈت كالىسى كۆپەيتىش چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئۇ ئىشلەۋاتقاندا، توققۇز ياشلىق چوڭ ئوغلى بىلەن ئالتە ياشلىق كىچىك ئوغلى يېقىن ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىدە ئوقۇيدۇ. «ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېنى خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئەرئەلى.

ھازىر، ئەرئەلىنىڭ ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن بولۇپ، شىركەتتە ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۆيىدە ئىككى سۈت كالىسى بېقىۋېتىپتۇ، خوتۇنىنىڭمۇ خىزمىتى بار بولۇپ، بارلىق كىرىمنى قوشقاندا بىر يىلدا 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن. بۇلتۇر، ئەرئەلى ئائىلىسىنىڭ نامرات ئائىلىلىك قالپىقى ئېلىۋېتىلىپتۇ.

«ئىككى بالام پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ھەرقايسى باسقۇچتىكى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدۇ.» ئەرئەلى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بالىلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئارزۇسى بار، چوڭى دوختۇر بولۇشنى، كىچىكى قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئۇستىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، «ئۇلارنىڭ مەكتەپنىڭ تەربىيەسى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، دۆلەتنى گۈللەندۈرىدىغان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

لوپ ناھىيەلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىناسىدا، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ۋە يىراق مۇساپىلىك تور دەرسخانىسى قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپ سالماقنى زورايتىپ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى قۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى، تەجرىبە بىناسى، تەنھەرىكەت مەيدانى، ئاشخانا، قوشۇمچە يانداش ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق مائارىپ ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

بۇ مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەر لوپ ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 95 مىڭ 245 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەكتەپ بىناسىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش قوشۇمچە سايمانلىرىنى يېتەرلىك، تولۇق سەپلەپ، «ئالاقە تورىنى ھەممە مەكتەپلەرگە تۇتاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش بايلىقىنى ھەممە سىنىپلارغا يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش بوشلۇقىدىن ھەممەيلەن بەھرىلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى توسۇپ، ھەربىر ئادەمنى كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلىشتا، مائارىپ چوڭقۇر رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مېھرىنسا مەمتىمىن دول يېزىسى باشئېرىق كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ گىلەم توقۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ شۇ جايدىكى بىر گىلەم زاۋۇتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسىگە ئايلانغان، ئايلىق كىرىمى 3500 يۈەن ئىكەن، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئائىلىسىنىڭ نامرات ئائىلىلىك قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن.

«ئەگەر مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمىغان بولسام، جان بېقىش ماھارىتىم بولمىغان بولاتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈشۈم تەس ئىدى!» دېدى مېھرىنسا.

18 ياشلىق نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسىدىكى «لولەنگۈل» كوللېكتىپىغا كىرىپ ئىشلەپ، توردا مال تونۇشتۇرغۇچى كىچىك چولپانغا ئايلاندى.

بۇ كوللېكتىپنىڭ مەسئۇلى گو رۈنزې مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمىز خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشتا، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن تەكلىپ قىلىدۇ، نۇرىمانگۈلگە ئوخشاش نۇرغۇن ياش ھەقىقەتەن مائارىپ ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

لوپ ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، نامرات نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئاساسىي مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھەقسىز مائارىپ ۋە داشۆدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش نىسبىتى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنى% 100كە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى% 95تىن ئاشتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە كىردى. ناھىيەدە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى دەل جايىدا يولغا قويۇلدى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. لوپ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە تۆت ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا قارىتا، 12 مەكتەپ قۇرۇلۇپ، 143 نەپەر ئوقۇتقۇچى سەپلەندى.

«بىر ئادەمنى تەربىيەلەپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لوپ ناھىيەسى كەسپىي مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ماھارەت ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئىدىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2019 - يىلىدىن ھازىرغىچە، 15 كەسىپ ھەم يانداش ئەمەلىي مەشىق ئۆيى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توختام كېلىشىمى بار 190دىن ئارتۇق كارخانىغا بېرىپ ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش، ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسى قىلىشنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپنى ئەقلىي، ئىرادە جەھەتتىن قوش يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلاندۇردى.