قۇندۇز مۇھاپىزەت رايونىدىكى چارۋىچىلار گۈزەل تۇرمۇشقا كۆچتى

日期:2020年09月29日
来源:天山网
【字体:

باجىبېك قاپاسنىڭ ئوغلى كونا قوتاننى چاقماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى(چىن جىنلى، ۋاڭ جوۋ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭ بۇرگان قۇندۇز دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سۇلۇق يېرىدە، باجىبېك قاپاس ئوغلىنىڭ قوي قوتىنىنى چېقىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. چېقىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر قەۋەتلىك كېسەك ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ بارىدۇ. ئۇ، قۇندۇزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن،ئۆزى 30 نەچچە يىل ياشىغان بۇ جايدىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باجىبېك قاپاس بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسى تايكەشكەن بازىرىدىكى ئارقا-ئارقىدىن مۇھاپىزەت رايونىدىن كۆچكەن 200دىن ئارتۇق چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، مۇھاپىزەت رايونى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت قوغداش رايونى سىرتىغا ئارقا-ئارقىدىن تۆت يېڭى كەنت جەمئىي 204 يۈرۈش يېڭى ئۆي سېلىپ، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتتى. باجىبېكنىڭ يېڭى ئۆيى شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولغان ئاققارىن يېڭى كەنتىدە.

باجىبېك مۇھاپىزەت رايونىدا ئۆي كۆچۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، ئاققارىن يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە ئىككى يىلغا يېقىن بولغان ئانارخان ئېدىل ھويلىسىدا گۈللىرىنى سۇغىرىۋاتاتتى. ھويلىدىكى سېمونت يەر تەكشى بولۇپ، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان ئۆسكەنىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئولتۇرىدىغان ئاساسىي ئۆينىڭ خىشلىرى پارقىراق بولۇپ، تام قەغىزى ئىنتايىن نەپىس ئىدى، ئۈچ ياتاق ئۆي ئازادە ۋە رەتلىك بولۇپ،ئاشخانىدا تۇرۇبا سۈيى، ئىسسىنىش پار قازىنى تولۇق سەپلەنگەن ئىدى.

ئانارخان ئائىلىسىدىكىلەر ئاققارىن يېڭى كەنتىگە 2018-يىلى 11-ئايدا مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىدىن تۇنجى تۈركۈمدە كۆچۈپ كەلگەن 16 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەنت يەنە مۇھاپىزەت رايونىدىن 40 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىنى كۆچۈرۈپ كەلدى.

ھەر كۈنى كەنتتىكى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان يېڭى ئۆيلەرگە،تەكشى، تۈز، كەڭ كەتكەن ئاسفالت يوللارغا قاراپ ئانارخاننىڭ كۆڭلى يايراپ كېتەتتى.

يېڭى كەنتتىكى قاتار-قاتار ئۆگزىسى قىزىل رەڭلىك، تېمى سۇس يېشىل رەڭلىك يېڭى ئۆيلەر كىشىنى زوقلاندۇراتتى.

ئولتۇراق رايونىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باقمىچىلىق رايونىدا،ئانارخان ئائىلىسىدىكىلەرگە باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش، بىر مو باقمىچىلىق رايونى ۋە يېپىق قوتان تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ئۇ يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، ھۆكۈمەت ماسلاشتۇرۈپ بەرگەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنى ئىشلىتىپ، يېڭىدىن بىرنەچچە تۇياق كالا، يەنە كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى، بۇلتۇر، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

نۆۋەتتە،مۇھاپىزەت رايونىدا قېپقالغان 280 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ،ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تايكەشكەن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ماخاز ناۋان مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تۆت يېڭى كەنتتىكى200دىن ئارتۇق كىشى چېگرا قوغدىغۇچى، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، تازىلىقنى ئاسرىغۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە بەزىلىرى چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى، ناۋايخانا قاتارلىقلارنى ئاچتى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

يېڭى كەنتكە يىراقتىن نەزەر.

بۇرگان قۇندۇز دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ياشايدىغان مېڭشىن قۇندۇزى دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، بۇرگان دەرياسى بولسا مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ، نۆۋەتتە، 120 دانە ئەتراپىدا قۇندۇز بۇ جايدا ياشىماقتا.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بۇرگان قۇندۇز دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە ئۈنۈم-پايدا تولۇقلىمىسى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. 2018-يىلىدىن بۇيان، يادرولۇق رايون، ئارىلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ ئارقاـ ئارقىدىن كۆچۈشىگە ئەگىشىپ، قۇندۇز تېخىمۇ ئەركىن، ئازادە بولغان ئوزۇقلىنىش بوشلۇقىغا ئىگە بولغان، تۇرمۇش بۇلغىمىلىرىمۇ زور دەرىجىدە ئازايغان.