【يۇرتنى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش】 ئالدىن بېيىغاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇمىدى، ئەلى ئىچكىرى رايوندىن كەنتكە قايتىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈمېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلھايات ئابدۇرېشىت خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتئۆمەر مەمتىمىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:«كېلەر ئايدا، مەن ئەلىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەيمەن».

مەمەتئۆمەر دەۋاتقان ئەلى دەل كەنتتە تۇنجى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە پىششىقلاش سېخى قۇرغان ھەم 60 نەچچە نامرات يۇرتدىشىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ئەلى توختى ئىدى.

غەجەك كەنتى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.5 موغا يەتمەيدىغان نامرات كەنت. ئائىلىسىنىڭ غورىگىل تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1997-يىلى ئەلى دوستلىرى بىلەن بىللە ئىچكىرى رايونغا بېرىپ قۇرۇق مېۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەردىن سېتىشنى ئۆگىنىپ، قۇرۇق مېۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ياڭاقنىڭ سورتىنى ياخشىلاش، ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىك ياڭاق سورتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى.

2000-يىلى، ئەلى يىغقانلىرىغا تايىنىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدە ئۆزىنىڭ قۇرۇق مېۋە توپ سېتىش دۇكىنىنى ئاچتى، كېيىن يەنە غەجەك كەنتىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى ياڭاق ئۆستۈرگەن كەنت ئاھالىلىرىنى سېتىش يولى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەلى مۇنداق دېدى:«ئىچكىرى رايونلاردا تىرىكچىلىك قىلغاندا، مەن تۇغۇلۇپ،چوڭ بولغان شىنجاڭنى شۇنداق سېغىندىم، يۇرتتىكى يۇرتداشلارنى سېغىندىم، يۇرتنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىندىم. ھەر يىلى يازدا، شىنجاڭدا چوڭ دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تاۋۇز يەپ سالقىندايدىغان، يۇرتداشلار بىلەن بىللە بولىدىغان كۈنلەرنى ئەسلەيتتىم».

2019-يىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەلى 600 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇردى ھەم ئىچكىرى رايونلاردىن قۇرۇق مېۋىنى قۇرۇتۇش، ئوراش-قاچىلاش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزدى.

«خىزمەت ئەترىتى ماڭا قەرز ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشنى تەۋسىيە قىلدى ھەم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ماركىسى بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى ئەلى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ما شوۋخۇڭ تونۇشتۇرۇپ، ئەلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەنتتىكى 60 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر يىلدا 500 توننا ياڭاق، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، ماتاڭ قاتارلىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، سېتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا شۇ جاينىڭ ياڭاق، چىلان قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

كەنت ئاھالىسى مەمەتئۆمەر،ئىلگىرى، كۈزدە ياڭاقتىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىكار بولۇپ قالىدىغانلىقى، باشقا قوشۇمچە كىرىمىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆتكەن يىلى ياڭاقنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەپ، ھەر ئايدا 2200 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىپ، يېرىم يىلدا ئائىلىسىگە 13 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپ بەردى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇ ياڭاقتىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلىمەكچى.

كەنت ئاھالىسى مەتنىياز غوجابدۇللا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 3000 يۈەن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى. بوش ۋاقىتلىرىدا، چىلانلىقنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ھەر ئايدا ئاز بولمىغان كىرىمى بار بولدى.

«مەن بىر ئادەمنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ پۇل تېپىپ،ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم» دېدى ئەلى.