فۇكاڭ شەھىرى خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرما ۋېنجىڭ): شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تاسادىپىي، تەخىرسىز، ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملىدى.

فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى يۈ تيەنشيا تېلېفوندا قايتا زىيارەت قىلدى: «ياخشىمۇسىز، خۇ ئەيچىن ئاچام بولامسىز؟ سىزنىڭ 8-ئايلىق تۆۋەن كاپالەت پۇلىڭىز كارتىغا ئۇرۇلۇپ بولدى، ئۇنىڭدىن سىرت، سىزگە يەنە 500 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئۇرۇپ بېرىلدى». شەھەر ئاھالىسى خۇ ئەيچىن: «يان تېلېفونۇمغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت».

يېقىندا، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتلىرى، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئېغىر كېسەللەر، ئېغىر مېيىپ كىشىلەر قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، مۇددەتتىن بۇرۇن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فۇكاڭ شەھىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا، يېشىل يول ئېچىپ، نوپۇس تەۋەلىكى، سالاھىيەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇپ-ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇش قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

«بىز ھەر قايسى يېزا-بازار ۋە كوچا باشقارمىلىرىغا 315 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئاجراتتۇق، 7-ئايدىن بۇيان، ھەر قايسى يېزا-بازار ۋە كوچا باشقارمىلىرى 65 ئائىلىلىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 66 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خۇي.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن چېكىنىپ چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلغاندىن كېيىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شېن كېدى مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە بىز نۆۋەتتىكى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئارزۇ-تەلەپلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كاپالەت مەبلىغىنى تولۇق تارقىتىشنى نەقلەشتۈرىمىز».

ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئارزۇ-تەلىپىنى ۋاقتىدا توپلاش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپ تېلېفونىنى 24 سائەت ئېچىپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ چۈشۈرۈپ قويماي، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە-مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۆ كاڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، بىز جەمئىي 2400 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاجىز ئاممىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، 1657 ئادەم قېتىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ياردەم بەردۇق، يۆلىدۇق، 646 ئارزۇ-تەلىپىنى ھەل قىلدۇق، 650 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق».

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تۈرلۈك كاپالەت مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتتى. شەھەر، يېزا تۆۋەن كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش، مېيىپ «ئىككى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى» قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت مەبلىغىدىن 6 مىليون 589 مىڭ 500 يۈەن تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە: تارقىتىلغان شەھەر، يېزا تۆۋەن كاپالەت پۇلى 1 مىليون 544 مىڭ يۈەن، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش پۇلى 3 مىليون 141 مىڭ 900 يۈەن، مېيىپلەر «ئىككى تۈرلۈك» ياردەم تولۇقلىمىسى 1 مىليون 765 مىڭ يۈەن، يېتىم بالىلار تۇرمۇش پۇلى 138 مىڭ 600 يۈەن.