شىنجاڭ بورتالا: خولۇڭگو كىرگۈزۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى گۈلگە تولدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

جاڭ باۋجياڭ خولۇڭگولارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىردوۋ شىڭجۈنخەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتى شىندې تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ باۋجياڭ خولۇڭگو بازىسى پارنىكىدا خۇلۇڭگو دەرىخىنىڭ چېچەكلەش ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈردى. «يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن مېۋە بېرىدۇ، يۇرتىمىزدىكى كىشىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۆز يېرىمىزدە ئۆستۈرۈلگەن خولۇڭگوغا ئېغىز تەگدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جاڭ باۋجياڭ.

بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتى شىندې تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى تېرىقچىلىق بازىسى (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

بۇلتۇر 7-ئايدا، جاڭ باۋجياڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەندۇڭدا ساياھەتتە بولغاندا، شۇ جايدىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، باغچا ئىچىدە ئۆستۈرۈلگەن خولۇڭگونىڭ ئۇنى جەلپ قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭدا بورتالا شەھىرىدە خولۇڭگو ئۆستۈرۈش ئويى پەيدا بولدى. بۇ يىل 4-ئايدا، جاڭ باۋجياڭ 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1.4 مو كېلىدىغان ئىككى پارنىك سېلىپ، شەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن 1700 تۈپ قىزىل ئەتلىك خولۇڭگو كۆچىتىنى تىكتى. ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرا ۋە تۇپراق مۇھىتىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ئىسسىققا چىداملىق بولۇپ سوغۇقتىن قورقىدۇ، تەبىئىي نەملىكنى خالايدۇ. جاڭ باۋجياڭ شىنجاڭدىكى تېرىقچىلىق بازىلىرىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

چېچەكلەش مەزگىلىدىكى خولۇڭگو.

  ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خولۇڭگولارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. «خولۇڭگو ئۆستۈرىدىغانئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرا℃25تىن ℃35قىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىلا چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، ھەر يىلى 12 قېتىمدىن 15 قېتىمغىچە چېچەكلەيدۇ، 4-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ۋاقىت مېۋە بېرىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ» دېدى جاڭ باۋجياڭ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتبۇلاق بازىرى مەۋقەنى تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە خاس كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، خاس كەسىپ تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسىي قوشۇنى»غا ئايلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

ھۈپپىدە ئېچىلغان خولۇڭگو چېچىكى.

پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن خولۇڭگو دەرىخى.

خولۇڭگو دەرىخىنىڭ غۇنچىسى.

جاڭ باۋجياڭ خولۇڭگولارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.