ئۆزئارا ياردەم بەرسەك، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرگەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرشۈ ۋەنلى): «بۇ يىلئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىنىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپيىغىپ، ئاپتاپقا سېلىڭ...» 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ماناس ناھىيەسىلوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىدە، بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى كۆممىقوناق ئورۇش ماشىنىسىئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئورۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ۋېي جاۋلىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش يەنە بىر قېتىم قازاق قېرىندىشى مۇرال قاسىمقاننىڭ كۆممىقوناق يىغىشىغا ياردەم بەردى.

ۋېي جاۋلىن بۇ يىل 52 ياش، مۇرال 48 ياش بولۇپ، ئىككىسى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاكا-ئۇكا بولۇپ كەلگەن.

2007-يىلى، مۇرال ئائىلىسىدىكىلەر ماناس ناھىيەسى تاسىرقاي قازاق يېزىسىدىكى تاغلىق رايوندىن لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. دەسلەپكى ئىككى يىلدا، مۇرال تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە، يەر تېرىپ پۇل تاپالمايلا قالماي، يەنە زىيان تارتتى. 2009-يىلى ئەتىيازدا، مۇرال ئائىلىسى 30 مودىن ئارتۇق يېرىگە كېۋەز تېرىيدىغان سېيالكاتاپالمىدى، ۋېي جاۋلىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ مۇرالنىڭ كېۋەزلىكىگە كەلدى. «كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق يوق دەيسىز؟ يۇرتداشلار ياردەم قىلساقلا ھەل بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بەرسەكلا، ئاندىن بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ۋېي جاۋلىن.

شۇ چاغدىن باشلاپ، ۋېي جاۋلىن مۇرالغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە ئۇنىڭ دورا چېچىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىشىغا ياردەم بەردى. مۇرال ۋېي جاۋلىننى ئاكا دەپ چاقىردى، ھەرقانداق ئىشقا يولۇققاندا ۋېي ئاكىغا دەيتتى.

مۇرالنىڭ كىچىك قىزى دىنا مۇرالنىڭسالامەتلىكى كىچىكىدىنلا ياخشى ئەمەس ئىدى، ۋېي جاۋلىن بىلەنخوتۇنى دائىم ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى، بەزىدە تېخى دىنانى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ياخشى يېمەكلىكلەرنى دىناغا يىگۈزەتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، دىنا بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك كۆرىدىغان بولدى. ئۇ ئادەتتە ئۆگىنىشتە بىلمىگەنلىرىنى ۋېي جاۋلىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ سورايتتى.

مۇرال ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىدى، ئۇ بۇ خىيالىنى ئاكىسى ۋېي جاۋلىنغا ئېيتتىھەمدە ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەتىسى ۋېي جاۋلىن ئۇنىڭ 40 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى.مۇرال بۇ پۇلغا قوتان سېلىپ، 30دىن كۆپرەك ساغلىق سېتىۋالدى. ئۇ يەر تېرىشنى ئۆگىنىۋالدى، باقمىچىلىقنىمۇتەرەققىي قىلدۇردى، مۇرال ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئۈچ يىلدا، ئائىلىمىزدە 100دىن ئارتۇق قوي بېقىلدى، ھازىر يەنە نەچچە كالا سېتىۋالدۇق، بىر يىلدا100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋېي ئاكامغا رەھمەت ئېيتىمەن.» ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، مۇرالنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.