كوناشەھەر ناھىيەسى: قىزىل لازىدىن گۈللەنگەن تۇرمۇش

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرما لوڭخەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىشقا ۋاقتىدا تەشكىللىدى. ھازىر، تېرىم يېزىسىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەبىئىي قۇرۇتۇش بازىسىدا قىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا توشۇپ كەتتى، دېھقانلار قۇرۇتۇلغان لازىغا تايىنىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

ئاتىكەمگۈل كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبۇغرا كەنتىدىكى نامرات كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل ئۇ سەككىز مو يەرگە لازا تېرىغان بولسىمۇ، سېتىش يولىنى ئاچالمىدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئۈزگەن لاززىلىرىنى قۇرۇتۇپ تەييارقىلدى. ئويلىمىغان يەردىن، ھازىر قۇرۇتۇلغان لازىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 35 يۈەندىن سېتىلىپ، يېڭى لازىنىڭ پايدىسىدىن ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.

ھازىر، تېرىم يېزىسىنىڭ خاس لازا تېرىلغۇ كۆلىمى800 موغا يېقىن بولۇپ،يىللىق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 توننىغا يېقىنلىشىدۇ، قۇرۇتۇلغان لازا زاكاز بويىچە قۇرۇتۇلۇپ سېتىۋېلىنىپ، دېھقانلار ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا قۇرۇتۇلغان لازىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبۇغرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن يۇنۇسمۇ بۇ كەنتتىكى لازا تېرىش ماھىرى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى جەمئىي سەككىز پارنىكتا لازا تېرىغانىدى،قەشقەر شەھىرىدىكى سودىگەرلەر ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇتۇلغان لازىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسىنى 35 يۈەندىن ھەممىسىنى زاكاز قىلدى، ئۇ لازا سېتىپلا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن لازا تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىمىز.