كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى

日期:2020年09月15日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىسوڭ ياۋېن، پەرىزات ئابدۇل):بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن روزىمەمەت ئابدۇللا بىر كۈنلەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، «شەھەرلىك» بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئۇنىڭ ئايرىم ئۆيى، قورۇسى بار بولدى، قىزىل كاھىشلىق، ئاق تاملىقھويلىنىڭ ئىچى يېشىللىققا پۈركىنىپ، سەھرا پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۆيدە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، زامانىۋى ئاشخانا ئەسلىھەلىرى، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، روزىمەمەت ئابدۇللانىڭ خوتۇنى تازىلىق قىلىۋاتاتتى.

روزىمەمەتنىڭ يېڭى ئۆيى چىرا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى جىننەن يېڭى كەنتىدە بولۇپ، چىرا ناھىيەسىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلەتتى. «قاراڭ، مەن ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسىدىم، ماۋۇباقمىچىلىق رايونى، ئاۋۇكۆكتات تېرىش رايونى، ئۆيۈم ئازادە، يورۇق ھەم راھەت» دېدىچېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەنروزىمەمەت.

ئىككى يىل بۇرۇن، روزىمەمەت ئائىلىسىدىكىلەرتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى مال بېقىپ تەستە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇلار كەنتتىكى نامرات ئاھالە ھېسابلىناتتى. «بۇرۇن تۇرغان جاينىڭ ئەتراپى ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغان توپا يول بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئۆتسىلا توپا توزۇپ ھەممە يەرنى بىر ئالاتتى، قاتناش ناھايىتى قولايسىز ئىدى» دېدى روزىمەمەت.

2018-يىلى روزىمەمەت ئائىلىسىدىكىلەرتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن جىننەن يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. «ھازىر مەيلى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ياكى كېسەل كۆرسىتىشى بولسۇن ئىنتايىن قولايلىق، بىز يەنە ئىككى پارنىكتا كۆكتات تېرىدۇق، كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى» دېدى ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىپھاياجانلانغان روزىمەمەت.

2018-يىلى، چىرا ناھىيەسى «كەسىپ ۋە شەھەرنى يۇغۇرۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، جىننەن يېڭى كەنتىنى بەرپا قىلدى، 6000مودىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىگەن كەنتتەيېڭىدىن 393 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى. ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى، ھازىر رەتلىك كۆكتات پارنىكى، تۇرالغۇ ھويلىسىۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبىغى قاقاسلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، رەتلىك كۆكەرتىلدى، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تولۇق بولدى. يېڭىدىن ياسالغانيول تورلاشتۇرۇلۇپ،جىننەن يېڭى كەنتى، ناھىيە بازىرى ۋە سانائەت رايونىنى تۇتاشتۇردى، كۆچۈپ كەلگەن دېھقان-چارۋىچىلار«كۆچۈپ چىقىش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىش» ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئامىنەخان ئائىلىسىدىكىلەر چىرا ناھىيەسىچاقا يېزىسى سېرىقچان كەنتىدە تۇراتتى، يېرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكا بىلمىگەچكە، كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ قالغانىدى، كۆچۈش ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

«ئىلگىرى تاغدا ئازراق ئاشلىقلا تېرىيتتۇق، ھازىر بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ پارنىك ياسىدۇق، ئىككى پارنىكتا تېرىغان كۆكتاتلارنى 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتتۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشمىز ئەمدى چۈش ئەمەس. يەرنى قانداق تۈزلەش، قايسى ۋاقىتتا تېرىش، مايسىنى قانداق پەرۋىش قىلىش قاتارلىقھەر بىر ھالقىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، ياخشى تېرىيالماسلىقتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ»دېدى ئامىنەخان.

چىرا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ جىننەن يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى چېن پېڭفېي مۇنداق دېدى: «جىننەن يېڭى كەنتىگە 393 ئائىلىلىك1249 ئادەم كۆچۈپ كىردى، تاغلىق رايوندىن كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلار ئىچىدە، نۇرغۇنلىرى پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى خالايدۇ،كادىرلار تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق، بىر تۇتاش سېتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. باشقا دېھقان-چارۋىچىلارمۇ ھويلا-ئاران ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى».