شىنجاڭ جېمىنەي: كالا بېقىشتىن باشلانغان بېيىش يولى

日期:2020年08月05日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى(مۇخبىرلارۋاڭ چاۋجى،سېرىك كېڭىسقانخەۋىرى): ئەمدىلا تاڭ يورۇشىغا، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ قارجاۋ بازىرى يۈفېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، كالا توپىنىڭ مۆرىگەن ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىناتتى، 42 ياشلىق تالاپقان ساغدولا ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا كالا قوتىنىغا كىرىپ كالىلارغا ئوت-چۆپ بەردى. «مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە كالا باقىمەن، يەم - خەشەك ئارىلاشتۇرىمەن، ئانچە چارچاپ كەتمەيمەن، كىرىمىممۇ ئىلگىرىكىدىن ئاشتى».

تالاپقان ساغدولا قارجاۋ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئاھالە بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ئۇنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان ئازغىنە كىرىمىگە تايىناتتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى چەكلىك بولۇپ، بالىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيتتى، تۇرمۇشى قىيىنچلىقتا ئۆتەتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.«مەن ئىلگىرى دېھقان ئىدىم، يازدا قىلىدىغان ئىشىم بار ئىدى، قىشتا پەقەت ئۆيدىلا تۇراتتىم، ھېچقانداق ئىش قىلالمايتتىم، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلگەندىن كېيىن، ھەر ئايدا 4000 يۈەن كارتامغا ئۇرۇلۇپ، بىر يىلدا 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم، ھازىر خوتۇنۇم پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆيدە بالا باقىدۇ، يەنە تېخى چىرايلىق كىيىملەرنى سېتىۋالالايدۇ».

تالاپقان ساغدولا كالىغا يەم بەرمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەلىك پارتىيە كومتېتى، ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق رايونىدا چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانچىلىق رايونىدا چارۋىچىلىق مەخسۇس كۇرسى قۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم قوشۇن تەشكىللەپ سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىش قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قايتا ـ قايتا ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يولنى تېپىپ چىقتى. «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى بېكىتىلدى، يۈفېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دەل شۇلارنىڭ ۋەكىلى.

ئىگىلىنىشىچە، يۈفېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 55 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن 2008-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، ۋاكالىتەن تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، كەنت ئاھالىلىرى يەر شەكلىدە پاي قوشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى پايدا تەقسىملىنىدىكەن. لېكىن كىلىمات قۇرغاق، سۇ كەمچىل، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇش، باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەرەققىيات بىر قەدەر ئاستا بولغان، 2016- يىلىدىن بۇيان خىزمەت ئەترىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىياسەت ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى تەشۋىق قىلغان ھەم ئاز ساندىكى چۈشەنمىگەن ئاممىغا ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، تىرىشىش ئارقىلىق قارجاۋ كەنتىنىڭ كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ كىرىمىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان.

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان قارجاۋ كەنتى.

كەنت ئاھالىسى لى شياڭرۇڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىر ئەزاسى، ھازىر ئۇ راھەت ئۆيدە ئولتۇرۇپلاقالماي، يىغقان پۇلىمۇ بار بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئائىلىمىزدىكى يەرنى پاي قىلىپ قوشۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا تاپشۇرساق، ئائىلىمىزدىكى ئەمگەك كۈچى ئازاد بولىدۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ يىلدا خېلى كۆپ پۇل تاپالايمىز».

2019-يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگو نېفىتى ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىدىن 1 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىپ، 80 تۇياق سىمېنتال كالىسى، 120 تۇياق يەرلىك كالا، 300 تۇياق قوي كىرگۈزۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمىگە ئاساسەن، تېرىش، سېتىش، بېقىش، ئۆستۈرۈش، سېتىلىشتىن ئىبارەت ئىلمىي تىجارەت ئەندىزىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ يىلى كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ كىرىمىنى 110 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

2020-يىلى جېمىنەي ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى يولغا قويدى. يۈفېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ نەسىللىك كالا كىرگۈزۈشىدىكى كۆۋرۈككە ئايلاندى، جېمىنەي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: «ناھىيە گەنسۇنىڭ جاڭيېدىن كىرگۈزگەن كالىلارنى ئالدى بىلەن 15 كۈن كۆزىتىپ، 15 كۈندىن كېيىن چارۋىچىلار ئۆيىگە ئاپىرىپ باقىدۇ، يۈفېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ناھايىتى ياخشى كۆزىتىش نۇقتىسى».

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالغاندا، كېڭەش باشلىقى ۋۇ شۈگاڭ ئىشەنچكە تولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزاق مۇددەتلىك بورداش بىلەن قىسقا مۇددەتلىك بورداشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، موزاينى سېتىۋېلىپ ئۈچ ئايدىن تۆت ئايغىچە بېقىپ بىر تۈركۈمنى چىقىرىمىز، بۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى بىر قەدەر تېز ئاشىدۇ، سىيىرنى يېتىشتۈرۈش دەۋرى بەك ئۇزۇن بولىدۇ، بىز بۇ يىل يەنە نەسلى تېخىمۇ ياخشى كۆپىيىدىغان ساغلىق كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق، ھازىر 200دىن ئارتۇق ساغلىق بار، بىزنىڭ پىلانىمىز 500 تۇياق بولۇپ، 500دىن 1000غىچە قوزا ئېلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى.

ۋۇ شۈگاڭ كالا قوتىنىدا.

جېمىنەي ناھىيەسى قارجاۋ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى پەن فېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ھازىر 320 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، جەمئىي 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەندى، كېيىنكى قەدەمدە كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئارزۇسى بويىچە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ بېيىتىمىز».