ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش

日期:2020年08月05日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە (2)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىليۇ يى

زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى نىڭجوۋخۇ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا مەشغۇلات قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جاھاننى تىنچلاندۇرۇپ، خەلق رايىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ. تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكا ئاشلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى ۋە ئۇل تېشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىق تەمىناتىنىڭ تولۇق بولۇشى، ئېشىنچا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئامباردا ساقلاشقا باغلاش، ھوسۇل بىلەن كېمىنى تولۇقلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى قاراشلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، بىر يۈرۈش تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، تېخىمۇ ئىلمىي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

جان تومۇر تېرىلغۇ يەردە

تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى. تېرىلغۇ يەر بولمىسا ئوزۇقلۇق ئاشلىق بولمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئەڭ قاتتىق بولغان يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، 11 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 42 ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ناھىيە، شەھەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونىنى ئايرىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار يەرنى قۇۋۋەتلەش تېخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

«بىز تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاشتى.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق بولغاچقا، ھازىر بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلگىرىكىدىن %50 سۇ تېجىلىپ، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن %40 ئېشىپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئېتىز بۆلەكلىرى تۈزلەندى، مەركەزلىك بىرتۇتاش قىلىندى، سۇ، توك، يول ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى... بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر تۈركۈم داۋاملاشما، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «ئاۋۋال مېخانىزم ئورنىتىش، ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىش» تەلىپى بويىچە، تىرىشىپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا 3 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قۇرۇش، باشقۇرۇش، قوغداش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىقنى ياخشى قۇرۇش، ئىشلەتكىلى بولۇش، ئۈنۈمى بولۇش، ئۇزاققىچە پايدىلانغىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى جەمئىي 9 مىليون 170 مىڭ مو بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى جەمئىي 39 مىليون 890 مىڭ موغا يەتتى. جەمئىي 27 ئورۇندا چوڭ سۇغىرىش رايونى ھەم 73 ئورۇندا ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنى داۋاملاشما يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەش ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 64 مىليون 173 مىڭ 800 مو سۇغىرىش كۆلىمىنى ياخشىلىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇ تېجەش ئىقتىدارى 470 مىليون كۇب مېتىرغا يېقىنلاشتى، تۈرلۈك ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قوغداش بىلەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەرىكىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئوكسىگېنلىق يىغىپ تەييارلاش قاتارلىق تۇپراقنىڭ ئورگانىك سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ۋە يەرنى قۇۋۋەتلەشكە دائىر يۈرۈشلۈك يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىلەر نۇقتىلىق كېڭەيتىلىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى 57 مىليون 830 مىڭ توننىغا، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش كۆلىمى 37 مىليون 820 مىڭ موغا يەتتى، مۇۋاپىق بولمىغان ئوغۇتلاش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزىلارنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە دەرىجىسى 5.28 دەرىجە بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 0.38 دەرىجە ئۆستى، تېرىلغۇ يەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، ئاشلىق ئېتىزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پۇختىلاندى.

سورت «ئۆزەك»تۇر

«رېكورت يېڭىلاش» بۇ ئىككى يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ كۆپ ئېيتىلغان سۆز بولدى. 2019 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتىزلىرىدا كۈزگى بۇغداينىڭ ئەمەلىي ئۆلچەنگەن بىرلىك ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلى 832 كىلوگىرامغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى. بۇ يىل ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداينىڭ ئەمەلىي ئۆلچەنگەن بىرلىك ھوسۇلىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 785.1 كىلوگىرامغا يەتتى، بىر قاتار يۇقىرى ھوسۇل رېكورتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئۆلچەم بەلگىسى بولۇپ قالدى.

ئۇرۇقچىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ «ئۆزەك»ى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەم تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ھەم يادرولۇق رىقابەت كۈچى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پائال تۆھپە قوشتى.

«قوناقنىڭ يېڭى سورتىنى ئىشلىتىپ مو بېشى پايدىسىنى تەخمىنەن 200 يۈەن ئاشۇردۇم.» بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىدىكى قوناق تېرىغان ئاھالە سۇ جيېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇ ئاشلىق ۋە يەم - خەشەككە تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭى سورتنى تېرىپتۇ، ھوسۇل ئالغاندىن كېيىنكى قوناقنى ھەم ئاشلىق پىششىقلاشقا ئىشلەتكىلى، ھەم سىلوس ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇ يەم - خەشەك ۋە ئاشلىقنىڭ بازار باھاسىغا ئاساسەن، پايدىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاندا سېتىشنى تاللاپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدىكەن.

سۇ جيېنىڭكىدەك ئەھۋال ئايرىم مىسال ئەمەس. يېڭى سورتنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگىنى پەقەت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشى بولدى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىنى قوللىدى، بولۇپمۇ بىرلەشمە سورت يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە ئىلھام بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، قوناق، كېۋەز، بۇغداي ۋە خاس زىرائەتتىن ئىبارەت تۆت بىرلەشمە سورت يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گەۋدىسى قۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا سورت يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بازارنى يۆنىلىش قىلغان، كارخانىنى سۇبيېكت قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن تاۋارلاشقان سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئايرىلىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتلىك ئۇرۇقنىڭ قاپلاش نىسبىتى %99تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا «ئاشلىقنى سورتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش»نىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %1تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، شىمالىي شىنجاڭدا قوناقنىڭ «توننا ئاشلىق» كۆلىمى %60تىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى زىرائەت ئۇرۇقچىلىقى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئورمان، ئوت - چۆپ ئۇرۇقچىلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بىر تۈركۈم ئۇرۇق باشلامچى كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىغا تايىنىلدى

بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئادەتتىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى، ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاز بولدى. فېڭ رۇگاڭ باشقۇرۇۋاتقان 2000 مو بۇغداينىڭ ھوسۇلى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە كېمەيمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قۇرغاقچىلىق يىلىدىكى ھوسۇلىدا يېڭى رېكورت ياراتتى، ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلى 779 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 84 كىلوگىرام كۆپەيدى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى پەن - تېخنىكىنىڭ تۆھپىسى.» فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەلا سورتنى تاللاش، رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئىلمىي باشقۇرۇش، تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ۋە بېسىمنى ئاشۇرۇپ تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنىڭ پايدىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت سۇ ۋە ئوغۇتنى ھەربىر تۈپ بۇغداينىڭ يىلتىزىغا يەتكۈزۈپ، بۇغداينىڭ قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

ئىلگىرى «ھوسۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ھاۋا رايى بەلگىلەيتتى»، بۈگۈنكى كۈندە پەن - تېخنىكىغا تايىنىلىدىغان بولدى. يېقىنقى يىللاردا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇققا ياخشى ئۇسۇلنى يانداشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە تېخنىكا تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشلىق تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئاساسلىق تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تېخنىكىلارنى تاللاپ، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇپ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇغداي، قوناق مىليون مولۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىش، ئاز سۇغىرىش، پات - پات سۇغىرىش قاتارلىق «سۈپەتلىك ئۇرۇق + ياخشى ئۇسۇل» بويىچە تېرىقچىلىق، پەرۋىش تېخنىكىسىنى توپلاپ ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق قېزىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق زىرائەتلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى ۋە كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %30كە يېتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى مەنپىي ئاشۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش يۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 8000دىن ئارتۇق پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تاللاپ ئەۋەتىلگەن، 1800 تۈردىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكا كېڭەيتىلگەن، 1900دىن ئارتۇق يېڭى سورت كىرگۈزۈلگەن، 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق دېھقان تەربىيەلەنگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يەنە مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، مەسلىھەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىنىڭ يۈزبېرىشى، ئەۋج ئېلىشى، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، دائىرىسى ھەم خەۋپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە يۈرۈشلۈك لايىھەلەرنى تۈزدى. بولۇپمۇ بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىغا قارىتا، سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر كۆپەيتىش، ئۆستەڭدىن سۇ باشلاپ سۇغىرىش، يوپۇرماق يۈزىگە ئوغۇت پۈركۈش قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۆرسىتىدىغان ناچار تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئالاھىدە يىلدىكى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «ئالاقە تورى +» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۇچۇرىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش تورى بەرپا قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.