شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە تېكەس ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەرنىڭ بېيىش «ئالتۇن مېۋىسى»گە ئايلاندى

日期:2020年08月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىردەي كەيلى، شەمخەر): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئورگانىك، يېشىل بولۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەتساياھىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە، ئالما، شىمېي قاتارلىق ئۆزگىچەتېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

7-ئاي كىرىشى بىلەن، تېكەس ناھىيەسىدىكى شېخىدا قۇرۇتۇلغانگۈلە ئارقا-ئارقىدىن يىغىشمەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى چوڭ مېۋىلىك باغلاردا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى،تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى قاراغاشتى كەنتىدىكى لى شېڭيۈنىڭ ئۆرۈكلۈكىدە،مېۋىلەر شاخقا لىق تولغان بولۇپ، 20 نەچچە دېھقان كىچىك چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، شېخىدا قۇرۇتۇلغانگۈلىلەرنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

لى شېڭيۈنىڭ بېغى ئەتراپىدىكى بىر ئوچۇق شەكىلدىكى ئايرىش، ئوراش-قاچىلاش لاپىسىدا، نەچچە 10 ئىشلەمچى بىر يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان گۈلىلەرنىچۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مېۋىنىڭ پىشىش دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىغا ئاساسەن ئايرىپ، ئوراپ-قاچىلاپ توشۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ما ۋېنمېي مۇنداق دېدى: «بىز ھەركۈنى گۈلەئايرىش، ئوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك گۈلىلەرنىتاللاپيەشىككە قاچىلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنى ئەڭ ياخشى گۈلە يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

تېكەس ناھىيەسىدىكى شېخىدا قۇرۇتۇلغانگۈلىنىڭتەمى ئۆزگىچە، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، نۇرغۇن سودىگەرلەرنى زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدى.سودىگەرلەريەشىككە قاچىلانغان گۈلىنىسوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، بېيجىڭ، خېبېي، ئەنخۇي، چىڭداۋ، داليەن قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە توشۇدى. ھازىرغىچە،سودىگەرلەر 200 توننا شېخىدا قۇرۇتۇلغانگۈلىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساتتى. بۇ يىل، تېكەس ناھىيەسىدە شېخىدا قۇرۇتۇلغانگۈلەكۆلىمى 31 مىڭ مو بولۇپ، مېۋە بەرگەن كۆلەم 11 مىڭ مو بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، مەھسۇلات مىقدارى 7 مىڭ 700 توننىغا يېتىدىكەن.