كۆكتوقاي ناھىيەسى: يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن بىللە ئىگىلىك تىكلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى

日期:2020年08月04日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى:كۆكتوقاي ناھىيەسى قارابۇلغۇن يېزىسى قاراتاس كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە پانار ھامى ئائىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەردە، رەخت دۇكىنى ئېچىش ئارقىلىق، ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بېيىغۇچىغا ئايلاندى.

 2014-يىلى، ئەمدىلا ئائىلە قۇرغان پانار ھامى ئائىلىسىنىڭ تېرىيدىغان يېرى، باقىدىغان چارۋىسى، مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا، قارابۇلغۇن يېزىسى قاراتاس كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئەمما بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بۇنى شەرەپلىك ھېس قىلمىدى.

  «باشقىلار قىلغاننى بىزمۇ چوقۇم قىلالايمىز.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، «نامراتلىق قالپىقى» نى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن بۇ ئەر-خوتۇن جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى.

  چۈنكى پانار ھامى تىككۈچىلىك بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھۈنىرى بار ئىدى، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە پەردىگە ئېھتىياج بولىدىغانلىقىنى، بازار ئىستىقبالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پانار ھامى پەردە، رەخت دۇكىنى ئاچتى.

 پەردە، رەخت دۇكىنى ئاچقاندىن كېيىن، پانار ھامىنىڭ ھۈنىرى ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسى كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن پەردە زاكاز قىلدى، 60 كىۋادراتمۇ كەلمەيدىغان دۇكان دائىم خېرىدارلار بىلەن لىق تولۇپ كېتەتتى، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلىنىپ، پانار ھامىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ ئاشتى. پانار ھامى ئەر-خوتۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغاندىن كېيىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  پانار ھامى مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. ئالدىنقى مەزگىلدە، مەن يەنە 16 مىڭ يۈەنلىك ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇم. ئادەتتە دۇكانغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى توردىن سېتىۋالىمەن، توردىن تېخىمۇ كۆپ مودا پاسوندىكى پەردىلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن. گۈزەل تۇرمۇش ئىشچان بىر جۈپ قولدىن كېلىدىكەن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.»

 قارابۇلغۇن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يۇڭخۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسلىقى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوخشاش شارائىتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»