قەشقەرلىك تاغا پۇرسەتنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتۇپ، ئورماندا باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش كۈيى»نى ياڭراتتى

日期:2020年08月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى جىگدىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قادىرجان مەمەتئىمىن ئارقا ھويلىسىدىكى يەرلىك توخۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا، توخۇلارنىڭ چىللىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئالدىراش بىر كۈننى باشلىدى.

  «بۇ بىر تۈركۈم چۈجىلەر يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تۇخۇمدىن چىقىدۇ.» قادىرجان مەمەتئىمىن تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىش ئۆيىگەكېلىپ، قول چىراغ بىلەن چۈجىلەرنىڭ تۇخۇمدىن چىقىش سۈرئىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، چۈجە چىقىرىش ئۆيىنىڭتېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى ئوبدان خاتىرىلىدى.

  چۈجىلەرنىڭ تۇخۇمدىن چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قادىرجان مەمەتئىمىن ئارقا ھويلىسىغا كېلىپ توخۇلارنىڭ يېمىنى تەييارلاش، كاتەكلەرنى تازىلاش، تۇخۇملارنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولدى ... ئارقا ھويلىغا نەزەر سالسىڭىز 800~700يەرلىك توخۇ ئويناقشىپ، گاھ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، گاھ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى.

  «ئارقا ھويلامدىكى 1.5 مو كېلىدىغان ئورمانلىقتا يەرلىك توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، چۈجە چىقىرىش ئۆيىدە ھەر پەسىلدە 700دىن ئارتۇق چۈجە تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ھەر پەسىلدە تۇخۇم ۋە بىر قىسىم يەرلىك توخۇ سېتىش ئارقىلىق 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، بۇ يىل باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىمىمنىڭ 100 مىڭ يۈەننى بۆسىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن. مەن باققان يەرلىك توخۇلار ئاساسلىقى ئورمانلىقتىكى ياۋا ئوت-چۆپ، كىچىك قۇرتلارنى يەيدۇ، يەنە ئىلمىي نىسبەت بويىچە بەلگىلىك كۆممىقوناق ۋە پۇرچاق تىرىپىنى بېرىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساپ ھەميېشىل، بۇلغانمىغان.» قادىرجان مەمەتئىمىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى جىگدىلىك كەنتى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، قەشقەر شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 34 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەھەر رايونىدىن بىر قەدەر يىراق بولغان يېزا-كەنتلەرنىڭ بىرى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكچى قىلىپ كەلگەچكە، دېھقانلارنىڭ كىرىم قىلىش شەكلى بىرلا خىل، باشقا كەسىپ تىرىكى كەمچىل بولغاچقا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز تۇخۇم باستۇرۇش مەيدانى ۋە توخۇم باستۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق تەجرىبىسى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزىنىڭ بوش يېرىدىن پايدىلىنىپ ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قادىرجان مەمەتئىمىن چۈجە چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، تەدرىجىي ھالدا چۈجە بېقىش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

  قادىرجان مەمەتئىمىن مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە مەنمۇ پەقەت ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلەتتىم، چۈجىلەرنى تۇخۇمدىن چىقىرىش جەھەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %20كىمۇ يەتمەي، ئىنتايىن ئېغىر زىيان بولۇپ كەتكەنىدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مېنىڭ قىيىنچىلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى تېپىشىپ بەردى، يەنە تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ باقمىچىلىق ئىشلىرىمغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشتى.»

قەشقەر شەھەرلىك بازار نازارەتچىلىك قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھەسەن روزى مۇنداق دېدى: مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئورمان باقمىچىلىقى ئەندىزىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولۇپ، «كوپىراتىپ + كەنت كوللېكتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى ئىنچىكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلدى.