ئۇچار قۇشلار سۇلۇق يەرگە قايتىپ كەلدى قۇملۇق باغ - ئورمان بىلەن تولدى

日期:2020年07月29日
来源:天山网
【字体:

بۇرچىن ناھىيەسى

ئۇچار قۇشلار سۇلۇق يەرگە قايتىپ كەلدى قۇملۇق باغ - ئورمان بىلەن تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجېڭ جو، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خۇيلىڭ

7 - ئاينىڭ 23 -كۈنى، جىغان ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى بولغان ۋۇ چىڭشەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ جىغانلىقىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، 100 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان بۇ مېۋىلىك باغ ھەر يىلى ئۇنىڭغا 300 - 200 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. «بۇ يىلقى كىرىمىمىز ناچار بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

ۋۇ چىڭشەن بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىدىكى دېھقان، ئۇ تۇرۇشلۇق كەنت توقىمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يېنىدا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇشلارغا كۆپىيىش، ياشاش شارائىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جايدىكى دېھقانلارغا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

2010 - يىلىدىن بۇرۇن، ۋۇ چىڭشەن ئائىلىسىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئەتراپتىكى مۇھىت سەۋەبىدىن، بۇ يەردە بىر يىلدىكى كۆپىنچە ۋاقىتتا بوران چىقىپ تۇراتتى، توقىمتى سۇلۇق يېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، قوستىق كەنتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى.

سۇلۇق يەر ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خاس مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەندىزىلىرىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى جىغان قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىلمىي تىكىشكە ئىلھاملاندۇردى.

«جىغان سۇ مەنبەسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تۇپراقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئوغۇتنى ساقلايدۇ، ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە، جىغان مېۋىسىنىڭ يەنە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بار.» ۋۇ چىڭشەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2010 - يىلى مەن جىغان دەرىخى تىكتىم. ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ھەر مو يەرگە 200 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئائىلىمىز ھەر يىلى نەچچە يۈز توننا جىغان ھوسۇل ئالدۇق، پىشقان جىغاننى ئىچىملىك، يېمەكلىك شىركىتىگە بىۋاسىتە ساتتۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم ئۇچۇپ يۈرىدىغان قۇملۇق تۇتاش كەتكەن ئورمانلىق، ساغلام جىغان، تېرەكلەر بىلەن قاپلاندى. يىراقتىكى چۆللۈك بىلەن يېقىندىكى يېشىل رەڭلىك قۇم مۇداپىئە بەلبېغى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، ھەر يىلى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

سۇلۇق يەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشى باغ - ئورمان تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە مېۋە - چېۋە كەسپىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى. ئويماق بازىرىنىڭ توقىمتى كەنتىمۇ توقىمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا يېقىن قوشنا بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ياۋ جۈشياڭ «قاناس قوغۇنى» تېرىيدىغان دېھقان ئىدى. «بىزنىڭ بۇ ئەتراپنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، كۈن نۇرى يېتەرلىك، قوغۇننىڭ سۈپىتى ياخشى» دېدى ياۋ جۈشياڭ. بۈگۈنكى كۈندە، «قاناس قوغۇنى» تېرىقچىلىق كۆلىمى ئەڭ دەسلەپكى 200 مودىن 2000 موغا تەرەققىي قىلدى. ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئېغىزىدا يايما يېيىپ ساتتى، بۇ يەر ئۆتكەن - كەچكەن ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن «لەززەت ئۆتىڭى» دەپ ئاتالدى.

خاس تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. توقىمتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جوۋ لى ئاشپەزلىك قىلىپ باققان، ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ باققان. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «توقىمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ قۇشلارنى تاماشا قىلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى جوۋ لى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 600 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى قۇش تۈرى ئىچىدە بۇرچىندا ياشاشنى تاللىغان قۇش 300 خىلدىن ئاشتى. ھەر يىلى، توقىمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىدىغان پەسىل قۇشلىرى نەچچە ئونمىڭغا يېتىدۇ.