كۇچا شەھىرى: ھەسەل ھەرىسى بېقىپ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

日期:2020年07月30日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى:مۇخبىر كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى يېڭىيەر كەنتى ئەتراپىدىكى بىر يۇلغۇنلۇققا يېتىپ كەلگەندە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ غۇڭۇلداپ ئۇچقان ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنىپ تۇراتتى، نەچچە ئونلىغان ھەسەل ھەرىسى ساندۇقى يۇلغۇن ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 34 ياشلىق ھەسەلچى دېھقان مەمەت روزى خوتۇنى بىلەن ھەسەللەرنى تاسقىدى، ئارقىدىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كەنت بازىرىغا كېلىپ ھەسەل سېتىشقا باشلىدى، ھەسەل ھەرىسى بېقىش تىلغا ئېلىنسا، مەمەت روزى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ، ئۈچ يىل ئىلگىرى مەمەت روزى تېخى بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس ئىدى.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى، مەمەت روزىنىڭ ئائىلىسى يېڭىيەر كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كاتار بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 30 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. يېڭىيەر كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ كەتكەن يۇلغۇنلۇق سۈپەتلىك يۇلغۇن ھەسىلىنىڭ مەنبەسى، ھەر يىلى يۇلغۇن چېچەكلىگەن پەسلىدە ھەسەلچى دېھقانلار بۇ يەرگە كېلىپ ھەسەل يىغىپ خېلى ياخشى كىرىم قىلىدۇ، مەمەت روزىمۇ يۇرتىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشنى قارار قىلدى.

  كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، مەمەت روزى ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار سېپىگە قوشۇلدى، دەسلەپتە تەجرىبىسىز بولغاچقا، تۇنجى يىلى بىر نەچچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى ئۇچۇپ كەتتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەجرىبىلىك ھەسەل ھەرىسى باققۇچىنى مەمەت روزىغا ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلدى، مەخسۇس خادىمنىڭ يېتەكلىشى ۋە جاپالىق تەر ئاققۇزۇپ پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە، مەمەت روزى ھەسەل ھەرىسى بېقىشنىڭ ئېپىنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالدى، ئۇ چېچەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەسەل ھەرىسىنى بارغانسېرى كۆپەيتتى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ئۇنىڭغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن مەمەت روزى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  مەمەت روزى مۇنداق دېدى: «ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنكىسىنى ئۆگىنىپ، كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى.»

  ھازىر، مەمەت روزىنىڭ 90 نەچچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى بار، ھەر بىر ساندۇقتا تەخمىنەن 70 مىڭ ھەسەل ھەرىسى بار، ئۇنىڭدىن ھەسەل زاكاز قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ ئۇنىڭغا ھەر يىلى 80 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن مەمەت روزى باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى ھەمدە ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.