مارالبېشى ناھىيەسى: كىچىك دۇكان بەختلىك يېڭى تۇرمۇشقا باشلىدى

日期:2020年07月29日
来源:天山网
【字体:

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرگۈزەلنۇر، ئىختىيارىي مۇخبىردىلشاتخەۋىرى):يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى چارباغ يېزىسى تۈگمەنمەھەللە كەنتىدىكى كىچىك دۇكاندا، دۇكان خوجايىنى مەمەت تۇرسۇنخېرىدارلارنى قىزغىن چاقىرغاچ، پۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭدۇكىنىدا چوڭى ئائىلەئېلېكتىر سايمانلىرىغىچە، كىچىكى گۈرۈچ، ياغ، تۇزغىچە، ھەممىسى ئائىلە تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر بۇيۇملار ئىدى.

  مەمەت تۇرسۇن بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئائىلىسىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يوق ئىدى، خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدامەمەت تۇرسۇننىڭ تۈرلۈك ماللار دۇكىنى ئاچماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، ئۆزىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنى بىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بانكا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا 40 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز بېجىرىشىپ بەردى ھەمدە تىجارەت پىلانى تۈزۈپ، ئۇنىڭدۇكان ئېچىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا ياردەملىشىپدۇكان ئېچىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ھازىر كۈنلۈك ئومۇمىي كىرىمىم 100-200 يۈەن، خوتۇنۇممۇ دۇكاندا ياردەملىشىۋاتىدۇ، ھازىر يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئائىلىمىزنىڭكىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىزدا مەسىلە يوق» دېدى مەمەت تۇرسۇن خۇشال ھالدا.

  مارالبېشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بويىچە كىرىمنى ئاشۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، «كىچىك دۇكان»نى تۇتقا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، لېكىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، مەبلەغ كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار 10 كەنت ئاھالىسىنىڭ سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى مەركەزلىك بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنى ماسلاشتۇردى. ھازىر كەنتتە كىچىك ئاشخانا، راڭپىزا دۇكىنى، ئاشلىق-ياغ دۇكىنى، ھۆسن تۈزەش دۇكىنى، كىچىك دۇكان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى دۇكىنى ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى.

  نامرات ئاھالە مەمەت تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىردۇكىنىمنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن ھەممە يەردە قاتراپ پۇل تاپمىساممۇ بولىدۇ، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىلا ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت».