ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سېتىش قىيىن بولۇشنى ھەل قىلدى

يېزا ئىگىلىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى

日期:2020年03月15日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە: ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسمەن رايونلارنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى بىلەن بازار ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى ئىچكىرى رايونلاردىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا سېلىنىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىراق، جۇغراپىيەلىك ئورنى نىسبەتەن چەت - ياقا، ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن قالاق، داڭلىق ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، يەنە ئاز بولمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېخى بازارغا سېلىنغىنى يوق.

شۇڭا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەت قاتنىشىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە تايىنىپ، ئىستېمال ئەندىزىسىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە كۈچىدى. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىستېمال بازىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ئىلمىي، قېلىپلاشقان تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خامچوت ئورۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك خامچوت ئورۇنلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىش نورمىسىنى ئالدىن قالدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

چەت - ياقا رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمال ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. توردا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاساسلىقى تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، چىلان، ياڭاق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرىدۇ؛ تور سىرتىدا تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئاممىۋى مەنپەئەت مەخسۇس رايونى، مەخسۇس پوكىيى، مەخسۇس سارىيى تەسىس قىلىشقا نۇقتىلىق تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىدۇ.

ساياھەت ئىستېمالى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە ئوخشاشلا يەنىمۇ «يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش»قا توغرا كېلىدۇ، نامرات رايونلارنى داڭلىق مەنزىرە رايونى، ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيەسى + ساياھەت قىلىپ مال سېتىۋېلىش» قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى نامرات رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى كۆرۈپ بېقىشقا جەلپ قىلىدۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش ۋە نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش ۋە نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە - شەھەرلەر، رايون ئىچىدىكى ھەمكارلاشقان ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر ۋە مەركەز، ئاپتونوم رايون ئورۇنلىرىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش، باشقۇرۇشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.