خوتەن كەچلىك بازىرى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بېيىش يولىنى «يورۇتتى»

日期:2020年03月15日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەتىگەندىلا، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسىدىكى رەتتۇرنىسا مەتسالى ئېرى بىلەن بىللە خوتەن شەھىرىدىكى بىر قۇشخانىغا بېرىپ كالا بېشى سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە ئەكېلىپ ئۈكلەپ، يۇيۇپ پىشۇردى. ئۇلار خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى بىر يېمەكلىك يايما ئورنىدا تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كالىنىڭ پىششىق باش گۆشىنى ساتىدۇ. كەچلىك بازاردا تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تولۇقلىماقچى بولدى.

خوتەن كەچلىك بازىرىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىغا تايىنىپ، رەتتۇرنىسا ئائىلىسىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. ئېرى «ئائىلە»دە كالىنىڭ باش گۆشىنى پىشۇرۇپ ھۈنىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ رەتتۇرنىسا «سىرت»تا، كەچلىك بازاردىكى جاي - جايلاردىن كەلگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋالىدۇ. سودىسى ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەي قالغان چاغلاردا، ئوغلىمۇ كېلىپ ياردەملىشىدۇ. داڭقى چىققاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسى يەنە كالىنىڭ باش گۆشىنى توپ سېتىش سودىسى قىلىپ، كۈنىگە 2000 يۈەندىن ئارتۇق سودا قىلىدۇ. بۇ يىللاردا، رەتتۇرنىسا ئائىلىسى ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، بۇلتۇر يەنە ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆي سالدى.

دەسلەپ قۇرۇلغاندا، خوتەن كەچلىك بازىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، يايما ئورنىنى ئاساسلىقى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە يۈزلەندۈردى. 2016 - يىلى 10 - ئايدا، خوتەن شەھىرى كەچلىك بازارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، كۆلىمى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. رەتتۇرنىساغا ئوخشاش تىجارەتچىدىن جەمئىي 260ى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى، بەزىلىرى ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.

ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەن، خوتەن كەچلىك بازىرى قىزىپ كېتىدۇ. كەچلىك بازارغا كىرسىڭىز، كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر خىل شېۋىدە توختىماي خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئاۋازلارنى ئاڭلايسىز. سارغايتىپ پىشۇرۇلغان يۇلغۇن كاۋاپ، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كەپتەر شورپىسى، تاتلىق ھەم يېيىشلىك قېتىق سېلىنغان زۇڭزا، يەنە لەڭمەن، قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ... بۇلار ئىنتايىن ئۆزگىچە يېمەكلىك مەدەنىيىتى يۆگىمە رەسىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ يۆگىمە رەسىمدىكى %80كە يېقىن يېمەكلىك يەرلىكنىڭ خاس يېمەكلىكى، ئۇنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى خوتەندىكى يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى خام ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك خاسلىقىنى نامايان قىلىپ قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئۈنۈملۈك يول تېپىپ بەردى.

چىرا ناھىيەسىدىن كەلگەن گۈلمەرەم داۋۇت كەچلىك بازاردىكى تىجارەتچىلەر ئارىسىدىكى ئاز ساندىكى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىمىغان نامرات ئاھالە، ئوغلى ئاغرىق بولۇپ ھەر يىلى داۋالاشقا نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ. 2017 - يىلى، گۈلمەرەم كەچلىك بازاردا بىر يايما ئورنى ئىجارە ئېلىپ كەپتەر كاۋىپى ساتتى. «ھازىر، مەن ھەر كۈنى كەچتە يايما ئاچسام 200 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن.» گۈلمەرەمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تىرىشسىلا، چوقۇم قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

خوتەن كەچلىك بازىرى باشقۇرغۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بازاردىكى تىجارەتچىلەردىن خوتەن شەھىرىدىكىلەرمۇ بار بولۇپ، يەنە نۇرغۇنلىرى قاراقاش، گۇما، لوپ، چىرا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ %90تىن كۆپرەكى خوتەن شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، خوتەن شەھىرىدە دائىملىق تۇرىدىغانلار ئىكەن.

41 ياشلىق جۈمەنىسا ئەمەر خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. 2019 - يىلى 5 - ئايدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ كەچلىك بازارغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، زۇڭزا سودىسى قىلغانسېرى قىزىپ كەتتى. «مەن يەنە بىر يايما ئورنى ئىجارە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلدىم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قىزىمغا مېۋە شەربىتى يايمىسى ئېچىپ بەرمەكچى».

خوتەن كەچلىك بازىرى نامىنىڭ يىراققا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، 2019 - يىلى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9600 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى)دا تىجارەت باشلاندى. بۇ كەچلىك بازاردا 194 يايما ئورنى، 25 ئېغىز خاس دۇكان بولۇپ، تىجارەت باشلىغان كۈندىكى خېرىدار ئېقىمى 25 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

ھازىر، خوتەن كەچلىك بازىرى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ساياھەتنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، سىرتقا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال سۇپىغا قاراپ قەدەم ئالدى.