باھاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈمىد ئۇرۇقىنى تېرىش

日期:2020年03月09日
来源:天山网
【字体:

  2- ئاينىڭ 26- كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى تىرەكلىك كەنتىدىكى دېھقانلار بۇغدايلىقنىڭ تۇپرىقىنى بوشىتىپ ئوغۇتلىماقتا. ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، بۇ يېزا پۈتۈن كۈچى بىلەن دېھقانلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. يەن شوۋلىن فوتوسى

  2- ئاينىڭ 22- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى چارباغ بازىرى چىلانلىق كەنتىدىكى ئېتىز باشلىرىدا باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرى تۇمان پۈركۈش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ ياڭاق دەرىخىنى ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياخشى ئاساس سالدى. ما جيابىڭ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 24- كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسى تولموت يېزىسى خوتۇرخاي چارۋىچىلىق ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چارۋىچىلارنىڭ تۆل ئېلىشىغا ياردەم بەردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلارنى چارۋىچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلەپ، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. دەي تيەنجياۋ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 14- كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسى ليۇشۇۋاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ باغچە رايونىدا يېقىن ئەتراپتىكى 40 نەچچە دېھقان ياش ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. رېن لىيىڭ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئارال شەھىرى جىنشيۇجيايۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى پارنىكتا شاپتۇل چېچىكىنى رەتلىمەكتە. نۆۋەتتە، پارنىكتا توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشتىكى خاس كەسىپكە ئايلاندى. سۈن گوچۈەن فوتوسى

  2- ئاينىڭ 22- كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى تۇغچى كەنتىدىكى دېھقانلار پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرمەكتە. بۇ كەنت كىچىك پارنىك قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. نىياز راھمان فوتوسى

  2- ئاينىڭ 26- كۈنى، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى جىننەن يېڭى كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرگۈچى ئارزۇگۈل مەمەتجان (سولدا) كۆچۈرۈپ تىكىش ئالدىدا تۇرغان قوغۇن مايسىلىرىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ناھىيە پارنىكتا شوخلا، لازا، قوغۇن قاتارلىق مېۋە، كۆكتات مايسىسىدىن 954 مىڭ تۈپ يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ۋاڭ جىڭ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 26- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن بازىرى شياۋتۇگۇلى كەنتىدە، تېرىقچى ما لى (سولدا) دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

  2- ئاينىڭ 24- كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ئوچا بازىرى قىچىلىق كەنتىدىكى كەنت كارخانىسىدا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى سېتىۋالماقتا. نىياز راھمان فوتوسى

  2- ئاينىڭ 25- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى كىچىك تۈپە كەنتىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ پارنىكتا كۆكتات تېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. تاڭ يۇڭجۈن فوتوسى