جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى

كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىلار ئېتىز بېشىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن ئالدىراش

日期:2020年03月09日
来源:新疆日报
【字体:

2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئىش باشلىشى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق ياخشى پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئەمەلىي ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىش

«مەن نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل بولغان ئاشۇ كەنت گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭ چوڭ سەھنەم ھېسابلىنىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ يېتەكلەش ئارقىلىق مەندە بىر خىل ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان خۇشاللىق بار بولدى» دېدى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ئارزۇگۈل بىلال.

گەرچە ھاۋا يەنىلا سەل سوغۇق بولسىمۇ، ئاچال كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكتا ئارزۇگۈل كەنت ئاھالىلىرىنى ئەگمە پارنىكقا يوپۇق يېپىش، يەر ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاشقا يېتەكلەپ، كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

كەنت ئاھالىسى قۇربان مەترېيىم مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىزدە ھويلىدىن ئىلمىي پايدىلىنىش ئېڭى يوق ئىدى، ئارزۇگۈل شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىز ھويلىغا كۆكتات تېرىدۇق، مېۋىلىك دەرەخ تىكتۇق، كىرىمىمىز ئاشتى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».

ئارزۇگۈل دائىم مۇنداق دەيدۇ: ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىش كېرەك. دەل مۇشۇنداق «كۆڭۈل قويۇش»قا تايىنىپ، ئۇ ئاچال كەنتىدە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى بارغانسېرى ئوڭۇشلۇق قىلدى.

ئارزۇگۈلنىڭ قارىداپ، ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنىڭ بەدىلىگە، ئاچال كەنتىدىكى 119 ئائىلىدىكى 422 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بەزىدە، ئۇنى تونۇمايدىغان قوشنا كەنتتىكى ياشانغانلار ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ كېلىنى؟» دەپ سورىسا، ئارزۇگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ئاچال كەنتىنىڭ كېلىنى» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

جان - دىل بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كىرپە مەھەللىسى كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا تىراكتورنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن ئەخمەت ئەمدىلا ئاغدۇرۇلغان يەرگە قاراپ سۆيۈندى.

«بۇ ئىككى كۈندە يەر تېرىشتىن غەم قىلىپ تۇراتتىم، سىز مېنىڭ بۇ جىددىي ئىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز، بۇ يىل جەزمەن مول ھوسۇل ئالىمەن» دېدى مەتتۇرسۇن شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىن كىرپە مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جوۋ تاۋنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

مەتتۇرسۇننىڭ ئۆيىدە ئۈچ جان بار بولۇپ، ئاكىسى ۋە خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئائىلىسىنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۇ بىر ئادەم ئۈستىگە ئالاتتى. ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، مەتتۇرسۇن ئېتىزدىكى ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم چىقماسلىقىدىن غەم قىلدى، جوۋ تاۋ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ يەر تېرىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

جوۋ تاۋ كىرپە مەھەللە كەنتىدە تۆت يىل تۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بەردى.

جوۋ تاۋ كادىرلارنى يېتەكلەپ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى سىجىل زىيارەت قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ھەمدە تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋاقتىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئىككى مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىش

«تۆل ئېلىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پۈتۈن كۈن كەنتنىڭ ئىشلىرىدىن غەم قىلىپ خاتىرجەم بولالمايۋاتقان ئۇلۇغچات ناھىيەسى تويۇن يېزىسى تويۇن كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى لى جيەن.

چارۋىچىلىق تويۇن كەنتىنىڭ ئاساسلىق كەسپى، يېقىنقى مەزگىل دەل تۆل ئېلىش، ئەي قىلىش مەزگىلى، كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېتەكلەش بىلەن بىللە، تۆل ئېلىش، ئەي قىلىش، چارۋىلاردىكى يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، لى جيەن ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكى ھەم تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆپ تەرەپتىن ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

كەنت ئاھالىلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، لى جيەن يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى باشلاپ ھەرقايسى چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، چارۋىچىلارغا چارۋىلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە تۆل ئېلىش، قوزا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، باش باھاردىكى تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

«ھازىر دەل تۆللەش پەسلى، ئەسلىدە يۇقۇمنىڭ باقمىچىلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتۇق، بىراق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنىڭ غېمىمىزنى يېدى، بىز قانداق مەسىلىگە يولۇقساق، لى شۇجى بىزگە ۋاقتىدا ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەردى» دېدى چارۋىچى تۇرغانئەلى ياسىن.

دېھقان - چارۋىچىلارنى يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لى جيەن يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ يەم - خەشەكلەرنى زاپاس ساقلاشنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ماددىي ئەشيا كاپالەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەخسۇس ماددىي ئەشيا كاپالەت ئاپتوموبىلى تەسىس قىلدى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەممىسى قاتتىق جەڭ، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بۇ ئىككى مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىمەن».

ھەم «جەڭچى» ھەم «كاپالەتلىك قىلغۇچى» بولۇش

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ يېزىسى داكاڭ كەنتى 600 نەچچە مو چىلان كۆچىتى تىككەن بولۇپ، ھەر يىلى باش باھاردىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى چىلان كۆچىتىنى چاتايتتى. يۇقۇمنىڭ تەسىرى بىلەن بۇلتۇر تەكلىپ بىلەن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىل كېلەلمىدى، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى غەم قىلىشقا باشلىدى.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان جۇڭمېي ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن داكاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى شۆفا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى يان تېلېفون سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئېتىز بېشىغا تەكلىپ قىلىپ، چىلانچى دېھقانلارغا تېخنىكا ئۆگەتتى.

كەنت ئاھالىسى ھەبىبۇللا ياسىن ئۈندىدار توپىنى ئېچىپ، سىندىن مۇتەخەسسىسنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن باش باھاردا چىلان كۆچىتىنى قانداق چاتاش، ئوغۇتلاش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئالدىن تەييارلىۋالغان خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ خاتىرە قالدۇردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «لى شۇجى بەك ئەتراپلىق ئويلاپتۇ، سىننى ئاچقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى مۇئەللىمنى كۆردۈم، بۇ يىل چىلان ھوسۇلى ھەرگىز كەملەپ كەتمەيدۇ».

بۇ مەزگىلدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لى شۆفا پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى ۋە پىدائىيلارنى تەشكىللەپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ياردەم بەردى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئادەم يېتىشمەسلىك كەمتۈكلۈكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ ئامما بىلەن بىرلىكتە ئېتىزغا چىقىپ ئەمگەك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇردى.

«لى شۆفا كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمىشە قىيىنچىلىق ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى <جەڭچى> ھەم ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىغا <كاپالەتلىك قىلغۇچى> بولۇشۇم كېرەك، دەيدۇ. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ غەيرىتى ئاشتى» دېدى داكاڭ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈسۈپ ئوسمان.