ئونسۇ ناھىيەسى: تۈپ ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى:1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات بازىسىدا ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدى.

قەھرىتان سوغۇق مەزگىلىدە، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىغا جايلاشقان ئاقسۇ يىخوڭ دېھقانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆكتات بازىسى ئىنتايىن ئىللىق بولۇپ، كۆكتات مايسىسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

بۇ بازا ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ كۆكتات مايسىسى زاكاز تالونىغا ئاساسەن، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ بېشىداقوياش نۇرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلاردالازا، شوخلا، چەيزە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسىدىن 2 مىليون تۈپ يېتىشتۈرگەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆكتات مايسىلىرى يېقىندا دېھقانلارنىڭ كۆچۈرۈپ تېرىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى.