شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2020年01月07日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بولدى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىدىن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغانلىقىدىن، بولۇپمۇ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زور قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتقانلىقىدىن بولدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىمىز. چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى مەھكەم چىڭ تۇتۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەشقەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. مۇقىملىق خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتنى مەھكەم ياخشى تۇتۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، دائىملاشقان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»دىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىنى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق ئىرادىسى بىلەن، ئېغىر نامراتلىقنى «يوقىتىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك؛ ئاممىۋى خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى مەھكەم ياخشى تۇتۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشىنى مەھكەم ياخشى تۇتۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئاساسنى مەھكەم ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.