رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

日期:2020年01月03日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ 2019 - يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شى جۇشىنىڭ سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، 2020 - يىلى داۋاملىق ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

كەمتۈكلۈكلەرنى پۇختا تولۇقلايمىز

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى <كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ بەكرەك پۇختا تولۇقلاش، ئاساسنى يەنىمۇ بەكرەك مۇستەھكەملەش كېرەك> دېگەن سۆز قەلبىمىزنى ھاياجانغا سېلىپ، روھىمىزنى چەكسىز ئۇرغۇتتى». شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى بەشتۈپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جېڭ ۋېنشىن مۇنداق دېدى: «2020 - يىلى، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، سىياسەتنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىقتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپ كىرىمنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇق تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرىمىز».

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى بۇسارەم خۇدۇيۇم مۇنداق دېدى: «2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جىگدىلىك كەنتىدىكى 160تىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ گەرچە ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان <قىشلىق ھۇجۇم> ماھارەت تەربىيەسىدىن پايدىلىنىپ، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلەش، لېكسىيە ئاڭلاشقا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللىدۇق».

ئاساسنى مۇستەھكەم سالىمىز

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ مىن مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى بىزنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، ئىلھاملاندۇردى. يېڭى بىر يىلدا، بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، ھويلا - ئاران قۇرۇلۇشى، گۈزەللەشتۈرۈش - كۆكەرتىش، بېيىتىش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قازاقلار ئۆرپ - ئادىتى 1 - كەنتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئۆرپ - ئادەت خاس سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىمىز. بۇ يىل يېڭىدىن ئالتە دېھقان - چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىشنى پىلانلىدۇق، كەنت ئاھالىلىرىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

«ئاساسىي قاتلامدا ئۇل سېلىشنى تۇتۇش تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك.» ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىسى شىنخۇپىڭ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى گۇ جۈن مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا، بىز يېزىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىمىز. ھازىر، قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن جەزملەشتۈرۈلدى، يېڭىدىن 4.2 كىلومېتىر يول ياساپ، 2.6 كىلومېتىر ئۆستەڭنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ ئىككى كىلومېتىر شېغىل يولىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەپ، شىنخۇپىڭ كەنتىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى.» لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خوۋ خاۋچياڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، بىز <يەر ئوبوروتى+ساياھەت كەسپى> <چارۋا - قۇشلارنى ھاۋالىلىك بېقىش+ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش> نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ يولغا قويدۇق، پۈتۈن بازار بويىچە تەخمىنەن 100 مىڭ مو يەر ئوبوروت قىلىندى، دېھقانچىلىقتىن بوشانغان ئەمگەك كۈچلىرى يېمەك - ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق 3 - كەسىپكە قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە قابىلىيەتلىك چوڭ ئائىلىلەر ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنى روناق تاپقۇزۇپ ۋە يېتەكلەپ، پاي قوشۇش، ھاۋالىلىك بېقىش، پايدا ئايرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. 2019 - يىلى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 23 مىڭ 198 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1082 يۈەن ئاشتى».

خوۋ خاۋچياڭ مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، شىڭپىڭ بازىرى كەسىپلەر ئارقىلىق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، چارۋا ماللارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، خاس باغ - ئورمان تېرىقچىلىقى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، كېڭەيتىدۇ.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە غەيرەتكە تولدۇم.» كېرىيە ناھىيەسى شىۋول يېزىسى ئوجۇنلۇق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: نامرات ئاممىنى سىجىل تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە نەسىلنى، يەم - خەشەكنى، بېقىشنى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى، قوغداش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئۆلچەملىك تېخنىكا مۇلازىتىمى يولغا قويۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى كۆپ قوزىلايدىغان گۆش قويى باقمىچىلىقى ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. ھازىر، بارغانسېرى كۆپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر گۆش قويى باقمىچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى «سەركە»گە ئايلاندى. 2020 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.