نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان پەيت كۆز ئالدىمىزدا

日期:2020年01月02日
来源:新疆日报
【字体:

ھامان بەزى يىللاردا، چوقۇم ۋاقىت كوردىناتىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىزلار ئويۇلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. ئاتاكىغا ئۆتۈشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. تارىخ 21 - ئەسىرنىڭ 20 - يىلىغا كەلگەندە، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە پات ئارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىدۇ، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە يەنىلا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا ئېتىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ مىڭ يىللىق ئىزدىنىشتە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەيت كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا. تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق ئىرادىسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتتە جاسارەت بىلەن يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

(1)

قاتمۇقات تاغ چوققىلىرىنى بويسۇندۇرغان تاغقا چىققۇچى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىسىلا، كۈن چىققان چاغدىكى كۆركەم مەنزىرىدىن ۋە دولقۇنلاپ تۇرغان بۇلۇت دېڭىزىدىن بەھر ئالالايدۇ. يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش مۇساپىسىدە، غەلىبە كېمىسىنىڭ «ماچتا ئۇچى»نى يىراقتىن كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىسەكلا، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ پەيتىنى كۈتۈۋالالايمىز.

تارىخنى ئەسلىسەك، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش ئىزچىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئارزۇسى بولۇپ كەلگەن. كۇڭزىنىڭ خەلقنى بېيىتىش ئىدىيەسى، چۈ يۈەننىڭ «ياخشى سىياسەت» ئىدىيەسىدىن جۇ شىنىڭ «قورساق تويدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»ى، كاڭ يوۋۋېينىڭ بۈيۈك بىرلىك يولىغىچە تارىختا ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىش، خەلقنى باياشات قىلىش ئىنتىلىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس. مەيلى «پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى» دېگەن گۈزەل ئىستەك بولسۇن ياكى «ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغان، بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار مول، خەلق ئامان ۋە سالامەت» دېگەن قىزغىن تىلەك بولسۇن، مەيلى «ئەلنى خۇشال قىلىمەن دېسەڭ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىل» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىيات بولسۇن، ياكى «ھېچقانداق يەردە باراۋەرسىزلىك بولمايدىغان، ھېچكىم ئاچ - يالىڭاچ قالمايدىغان» قىلىش سىياسىي غايىسى بولسۇن، سانسىز ئەجدادلارنىڭ ھاللىق تۇرمۇشقا بولغان خىتابلىرى تارىخ ئاسمىنىدا ياڭراپ كەلگەن.

رېئاللىققا نەزەر سالساق، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان 100 يىللىق ئۇلۇغ پارتىيە يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتمەكتە. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى، ھەم تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتەك جەسۇرانە ئىرادىنى نامايان قىلماقتا، ھەم يۈز مىليونلىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتمەكتە.

ھېچكىم شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، بۈگۈنكى جۇڭگو «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى»نى يازدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 800 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھەر 100 ئادەمنىڭ 70 نەچچىسى جۇڭگودا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامرات ئاھالە 98 مىليون 990 مىڭ ئادەمدىن 6 مىليوندىن كۆپرەك ئادەمگە ئازايدى، ئۇدا يەتتە يىل ھەر يىلى نامراتلارنى ئازايتىش كۆلىمى 10 مىليون ئادەمدىن ئارتۇق بولۇپ، ياۋروپادىكى بىر ئوتتۇرا ھال دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا باراۋەر كېلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمىدى، ھەربىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنىڭ ئارقىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلىشى، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشى سىڭدۈرۈلگەن، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى مۇجەسسەملەنگەن.

ھېچكىم شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، بۈگۈنكى جۇڭگو «كىم جۇڭگونى ئەبەدىي ئەمىن قىلالايدۇ» دېگەنگە جاۋاب بەردى. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تارىخشۇناس گۇڭ جۇڭۋۇ «جۇڭگو يېزىلاردىكى نامراتلىققا جەڭ باشلىدى» دېگەن ئەسىرىدە، جۇڭگودىكى كەڭ يېزىلار جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى، قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، كىم دېھقانلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسا، شۇ جۇڭگونى ئەبەدىي ئەمىن قىلالايدۇ، دەپ تىلغا ئالغان. نامرات ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ، تۇغقانلىشىپ ئۇلارنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرى ھەل قىلىندى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى يېڭىلاندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»لەر تىكىلىپ بېيىش يولىغا قەدەم تاشلاندى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر سانسىز ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىشلەشكە چاقىردى، زور بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى... خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇلى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ھېچكىم شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، بۈگۈنكى جۇڭگو نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى. پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يول قويۇشقىچە، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىشقىچە... زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى يېتىلدۈردى ۋە ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ ئىدىيە مۇستەھكەم خەلق مەيدانى، چوڭقۇر خەلق مۇھەببىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى نامايان قىلدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلمىي روھ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئىدىيە مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى جەلپ قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 1 مىليارد 300 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى يېڭى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

تارىخ ئۆتمۈشنى خاتىرىلەيدۇ، كەلگۈسىگە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى بارلىق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ ھالقىش، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى. بۇ تارىخىي پەيتنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى بولۇش كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ بەخت، بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولماس!

(2)

باسقان يولىمىزنى ئەسلىسەك، ئاندىن قانچىلىك يىراققا ماڭغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز؛ كۈرەشنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن بەدەل تۆلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلەيمىز.

ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمىزدە، ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، «يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بېرىش، يەر تەقسىم قىلىش» سىياسىي تەشەببۇسىنى چىقىرىش، «يەر قانۇنى پىروگراممىسى» تۈزۈمىنى لايىھەلەشتىكى مەقسەت مېھنەتكەش ئاممىنى ئېكسپلاتاتسىيە ۋە ئېزىلىشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمىزدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پەقەت ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ۋەيرانچىلىققا تولغان خارابىلىكتە خەلق ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھايات - ماماتلىق گىرۋىكىدە جان تالىشىۋاتقان جاپاكەش ئامما قۇتقۇزۇۋېلىندى. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمىزدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم ئىدىيە تۇمانلىرىنى تازىلىدى، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىش ئەمەلىيىتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى.

خەلق سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ «جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نى بايرىقىغا يازغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. يوقسۇللارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز، دېگەن جاراڭلىق قەسەمدىن نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، دېگەن مۇپەسسەل ھۆكۈمگىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ، دېگەن تەنتەنىلىك جاكارغىچە، نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش يولىدا، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زېھنىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلغىنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بولدى، ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنى نامرات رايونلار بولدى. ليۇپەنشەن رايونى، چىنباشەن رايونى، ۋۇلىڭشەن رايونى، ۋۇمېڭشەن رايونى، دابيېشەن رايونى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھارماس قەدەملىرى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات 14 رايوننىڭ تاغ - دەريالىرىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتى ھەربىر نامرات ئاممىنىڭ قەلبىنى ئالاھىدە ئىللىتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا، قىيىن نۇقتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، تومۇر تۇتۇپ، رېتسېپ يازدى؛ نامراتلاردىن ھال سورىغان ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، خەلق تۇرمۇشى دەپتىرىنى چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېساباتىنى ئىنچىكە ھېسابلىدى؛ ھەممە ئائىلە جەم بولىدىغان ھەر قېتىملىق چاغاندا، نامرات ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھال - ئەھۋال سوراپ، بەخت تىلىدى... «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەن كۆڭلۈمدە ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان بىر چوڭ ئىش.» «مېنىڭ كۆڭلۈمدە ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىم يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئامما.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاددىي سۆزلىرىدە جۇلالىنىپ تۇرغىنى خەلق داھىيسىنىڭ ساپ قەلبى، نامايان بولغىنى كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى.

«جياڭجۈن باتۇر بولسا، پۈتۈن ئارمىيە جان تىكىپ جەڭ قىلىدۇ.» نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ئالدىدا، نامراتلار ئىچىدىكى نامرات، قىيىنلار ئىچىدىكى قىيىندىن ئىبارەت جاھىل قورغان ئالدىدا، ئېگىز تاغلارنىڭ توسۇپ تۇرۇشى، ئەزىم دەريالارنىڭ ئايرىپ تۇرۇشى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ بۇرغىسىنى چېلىشقا قانداق جۈرئەت قىلالىدى؟ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۆجىزىسىنى قانداق يارىتالىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى ھەيۋەتلىك ئەمەلىيەت ۋە ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى، بارغانسېرى جەزملەشتى.

− تايانغىنىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى. «تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، دەرياغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش»تەك ئەمەلىي ئىشلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئاچقۇچى. «تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈ گۇڭ» لى باۋگو 35 يىل چىڭ تۇرۇپ ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تاغلىق رايوندىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق خەلقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ گۈيجوۋ چوڭ تاغلىرى ئارىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى خۇاڭ دافا «سۇ ئۆتەلمىسە، جېنىمنى تىكىمەن» دېگەن قەسىمىنى نەقلەشتۈرۈپ، ئاممىنى يېتەكلەپ ئەجدادلاردىن قالغان «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قوناق ئۇمىچى ئىچىش، چاغاندىلا شوۋىگۈرۈچ ئىچىش»تەك ئاچارچىلىق خاتىرىسىنى ئۆچۈردى... ئىدىيەدىكى نامراتلىق تۈگىتىلىپ، «مەن بېيىيمەن» دەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۇرغۇتۇلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەرقايسى جەڭ مەيدانلىرىدا، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىلەن ئاۋام - ئامما بىرلىكتە يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، «سېرىق توپىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش» ئىشەنچىنىئاشۇرۇپ، تارام - تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىز ھاسىل قىلغاندەك جۇشقۇن ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

− تايانغىنىمىز دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ سەمىمىي يولغا قويۇش روھى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش»قا توغرا كېلىدۇ. خۇنەننىڭ شىبادۇڭ كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتى تاغ - دەريالاردا نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ياشلارنى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنى كالا - قوي بېقىشقا، ئۆيدە قالغان ئاياللارنى ئەنئەنىۋى مىياۋزۇ كەشتىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، كەنت كوللېكتىپىنى مىنېرال سۇ زاۋۇتى قۇرۇشقا يېتەكلىدى... قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، ئىلگىرىكى نامرات، قالاق مىياۋزۇلار كەنتىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. يۈننەننىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا پېنسىيەگە چىققان «پېشقەدەم ھاكىم» گاۋ دېرۇڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ ئورمان ئاستى ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مېۋىلىك دەرەخ تىكىش، ئوت - چۆپ تېرىش، يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، بىر سەكرەپلا مىڭ يىل ھالقىدى... «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستىبېشىدىن توپا تۆكۈلۈش، يامغۇرلۇق كۈنلىرى ئىككى پۇتى پاتقاققا مىلىنىش»تىن، «ئېتىز قىرىدا مېڭىش، تىك قىياغا يامىشىش»قىچە، نامراتلارنى يۆلەۋاتقان سانسىزلىغان كادىر «دەل» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «جايىدا» بولۇشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، جاپا بىلەن راھەتنى ئۆزىلا بىلىدىغان «جاپا كۆرسەتكۈچى»دىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن «بەخت كۆرسەتكۈچى»گە ئېرىشتى.

− تايانغىنىمىز شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇربان بېرىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق. كۈرەش بولغان ئىكەن، قۇربان بېرىش بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، كوممۇنىستلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلىدى، بۇرچىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. «بەيسې نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، مېنىڭ كەلمەسلىككە نېمە باھانەم بولسۇن؟ بۇ مېنىڭ بۇرچۇم.» گۇاڭشى بەيسېدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى خۇاڭ ۋېنشيۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇرتىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، 30 ياشلىق ياش ھاياتى نامراتلارنى يۆلەش يولىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر ۋاڭ شىنفا مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەپ، ھاياتىنى ئېگىز تاغلارغا بېغىشلىدى، ئۇ خوتۇنىغا يازغان خېتىدە: «ھازىرغا قەدەر، مەن كوممۇنىزمدىنمۇ بەكرەك ئېتىقاد قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئېتىقادنى تېخىچە تاپالمىدىم» دەپ يازغان. گۈيجوۋدىكى سەندۇ شۈيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ياڭجى كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى دىڭ يۇڭخۇا، گەرچە ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم قان بېسىمىڭىز بەك يۇقىرى ئىكەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ: «كىممۇ ھاياتىنى قەدىرلىمىسۇن، پەقەت كوممۇنىستلارلا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ» دېگەنىدى... يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 2 مىليون 800 مىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرى جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى، 700دىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ئاتاكىغا ئۆتۈش يولىدا يىقىلىپ، ھاياتى بەدىلىگە پارتىيە بايرىقى ئاستىدا بەرگەن قەسىمىنى نەقلەشتۈردى. سالمىقى ئېغىر بۇ تىزىملىكتە داشۆ پىروفېسسورى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، ھاكىملار بار، يەنە يېزا - بازار كادىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى، يېزا - كەنت دوختۇرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر بار... ئۇلار ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى، ھەتتا ھاياتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئابىدىسىنى تىكلىدى.

(3)

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپە تارىخ ئالدىدىكى ئاڭلىقلىققا، تارىخ ئالدىدىكى قەيسەرلىككە موھتاج.

قۇدۇق قازغاندا سۇ چىققانغا قەدەر تاقەت قىلىش، ھەرگىز قۇدۇقتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك؛ غەلىبە كۆز ئالدىدا تۇرغان، تېخى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا يەنە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. قانچە جىددىي پەيتكە كەلگەنسېرى، ۋەزىپە قانچىكى ئېغىرلاشقانسېرى، شۇنچە بەل قويۇۋېتىشكە، دەم ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ۋەزىپىنى قەرەلىدە تاماملاش، ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا قەتئىي بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سۈپەتنى تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ھەقىقىي» دېگەن سۆزنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا ماس تۇرغىنى «ئەمەلىي» دېگەن سۆزدۇر. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلىدىكى تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىش، بوشىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە، ئالدى ئېلىنىدىغىنى ئۇرۇشتىن بىزار بولۇپ بوشىشىپ كېتىدىغان چارچاش كېسىلىدۇر، ئالدى ئېلىنىدىغىنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت ناچار ئىستىلدۇر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

«گىلاس يېيىشلىك بولغىنى بىلەن كۆچىتىنى تىكىپ تۇتقۇزماق تەس، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرمىسە چېچەكلىمەيدۇ. بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، سوتسىيالىزمنى كۈتۈپ كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.» سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئاخىرقى ھېسابتا كەڭ ئاممىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى ۋە ئىجادىي ئەمەلىي ئىشلىشىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. نامراتلىق تەقدىر ئەمەس، تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۆتكەندىن كۆرە، جاپالىق ئىشلىگەن ئەۋزەل. پەقەت بوشاشماي ئالغا بېسىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، بەل قويۇۋەتمەي، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقىلى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت تۇنجى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا.» قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ياخشى يۈگۈرۈشىمىز، ھەم پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتمۇنۆۋەت، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇلاپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئاز كۈچ بىلەن ئۆچمەس تۆھپە ياراتقىلى بولىدۇ.

(4)

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېنېرگىيە توپلاۋاتقىنىغا بەك ئۇزاق بولدى، بۇ ئېنېرگىيەنى پارتلىتىپ چىقىرىپ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» بۇ ئېنېرگىيە خۇددى سەھەردە قۇياشنىڭ چىقىشىغا ئوخشايدۇ، شەرق تەرەپتىكى ئۇپۇق ئاقارغان ئىكەن، قۇياش چوقۇم كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ.

«ئۇ چاغقا بارغاندا، ھەممىلا جايدا جانلىق ئىجادىيەتلەر بارلىققا كېلىدۇ، ھەممىلا جايدا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش بولىدۇ!» 85 يىل ئىلگىرى، ئىنقىلابىي قۇربان فاڭ جىمىن مۇشۇنداق بىر سۆيۈملۈك جۇڭگونى ئارزۇ قىلغانىدى. گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش، بۇ، بىزگە مەنسۇپ ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت؛ ئونمىڭ چاقىرىملىق يىراق يول، بۇ، بىزگە يۈكلەنگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، «نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى» مۇقەررەر ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا تەلتۆكۈس گۇمران بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقى «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش»تەك جاسارىتى بىلەن، مۇتلەق نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە ئاساسىمىزنى چەكسىز مۇستەھكەملىدى.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىنىڭ ھايات قىممىتى مۇقەررەر ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا تولۇق نامايان بولىدۇ. ھەممە تەڭ كۈچ چىقارسا، جاھاندا تەڭدىشى بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان سىزنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى بار، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سانسىزلىغان ھېكايىلەر بار. قانچىكى ئەڭ ئاخىرىغا بارغانسېرى چىشنى شۇنچە چىڭ چىشلەپ، بىرلا غەيرەت بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈشكە، جان تىكىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان روھنى شۇنچە ساقلاپ، تەقدىرىمىزنى ۋەتەن بىلەن باغلاپ، زېمىننى تايانچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا كۈرەش قىلىشنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشىمىز، ئېسىل كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 100 يىللىق ئۇلۇغ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى مۇقەررەر ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا تاۋلىنىدۇ، يۈكسىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئۆچمەس نەتىجىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش تەنتەنىلىك ۋەدە، شۇنداقلا تارىخنىڭ چاقىرىقى. خەلقنى بەختلىك قىلىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلىگەن، خەلقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشنى ئۆزىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى قىلغان بىر پارتىيە، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان بىر پارتىيە بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تاۋلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ قەيسەر، كۆتۈرەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى، يېمىرىلمەس جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمى مۇقەررەر ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش داۋامىدا بارغانسېرى مەزمۇت بېسىلىدۇ. مىڭ يىللىق ئارزۇ ئاخىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، 100 يىللىق كۈرەشتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنىڭ بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەقەت بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ماسلاشساقلا، نى - نى ئىشلارنى قىلالايدىغان تارىخىي پۇرسەتنى پۇختا ئىگىلىيەلەيمىز، مىسلى كۆرۈلمىگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايمىز، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ جاسارەتلىك، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى سەپەرنى باشلىيالايدۇ، 5000 يىلدىن كۆپرەك مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن مەردانە قىياپەتتە دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.

يىللار تۇرمايدۇ بىر ئىزدا ساقلاپ، ۋاقىت ئۆتىدۇ تىنماي يورغىلاپ، ئەمما قەلبىمىزدىكى قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك ئۆزگەرمەيدۇ. تۇغ - ئەلەملەر چىقىرىلىپ، داقا - دۇمباق چېلىنىپ يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى چېلىندى، بۇ ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە ۋە ھەرىكەتنى تەلەپ قىلىدۇ. تارىخ يارىتىلدى، تارىخ يارىتىلماقتا، تارىخ بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرىشى ۋە قەيسەرلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. ھەرىكەتكە كېلەيلى، غەلىبە قەھرىمان جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ!