قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

«مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە كۈچ مۇجەسسەملىدى

日期:2019年12月31日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى)دىن ئۇقۇشىچە، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 1274 كارخانا بۇ ئىشقا ئاتلىنىپ، جەمئىي 1308 كەنتكە ياردەم بېرىپ يۆلەپ، 1 مىليارد 954 مىليون يۈەن كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى سېلىپ، 9469 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشكە 195 مىليون يۈەن ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلى ئىئانە قىلغان.

2016 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى ئۇدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلار ھەم سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئېغىر نامرات كەنتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قوشماقلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئورتاق قۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.

«ئۆيىمىزدىكى قويلارنىڭ ھەممىسىنى ھاۋالىلىك بېقىش - كۆپەيتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئاپىرىپ بەردۇق، ھەر يىلى يەنە پايدا تەقسىملىنىدۇ، ھازىر مەن ناھىيەدىكى پايپاق زاۋۇتىدا خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇم» دېدى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى سۇ بېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى راخمان ئەمەت تېلېفوندا مۇخبىرغا. راخمان ئېيتقان ھاۋالىلىك بېقىش - كۆپەيتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى شىنجاڭ كەلپىن شىياڭياڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان «شىركەت يېتىشتۈرۈش+بازا چېتىشتۈرۈش+دېھقان ئائىلىلىرى بورداش+كارخانا سېتىش» يېڭىچە چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىيات بازىسى ئىكەن، بۇ شىركەت نامرات ئائىلىلەر بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش - كۆپەيتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قويلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىپ كۆپەيتىپ، ھاۋالە قىلىپ بېقىلغاندىن كېيىن نامرات ئائىلىلەرگە ھەر يىلى ھەربىر قوي ئۈچۈن %10 نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىملەپ بېرىدىكەن. بۇ يىل 10 - ئايدا، بۇ شىركەت مەملىكەت بويىچە «ئونمىڭ كارخانا ئونمىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىدىكى ئىلغار پۇقراۋى كارخانا بولۇپ باھالاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلى كۈنسېرى كۆپ خىللاشتى، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل ۋە نەرسە ئىئانە قىلىشنى ئاساسلىق شەكىل قىلىشتىن نامراتلارنى يۆلەش سېخى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىگە تەرەققىي قىلدى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى تۈجۈپىلەشتى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دەل جايىدا كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئالتىلە كەنتى ۋە قىرىقئېرىق كەنتىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەردى، ھەم 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى چەكلىك شىركىتى خوتەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش فوندى»نى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپ، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان تۈرلەرنى قوللاپ، فوند سېلىنمىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىنى ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتتى. ھازىرغا قەدەر، 350 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇردى، 250 ئائىلە نەپكە ئېرىشتى، كىشى بېشىغا كۆپەيگەن كىرىم 1400 يۈەن بولدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەقسىملىنىدىغان پايدا 600 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك بايلىقىنى كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باشقۇرۇش، تېخنىكا، ئۇچۇر، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق پۇقراۋى كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قولغا كەلتۈرۈپ، 2019 - يىللىق «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە مۇلازىمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.