يەردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈمىدىنى ئىزدەش

日期:2019年11月20日
来源:新疆日报
【字体:

مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى.

لېكىن ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ناچار پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىر موغا يەتمەيدىغان يەردە قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇرۇقىنى يېتىلدۈرۈش ئىلگىرى نەچچە ئەۋلاد ئاتۇشلۇقلارنى قىيناپ كەلگەنىدى.

زىرائەت تېرىسا پۇل تاپقىلى بولمامدۇ؟ ئۇنداقتا مۇناقى، ئەنجۈر ئۆستۈرەيلى. مېۋىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەمدۇ؟ ئۇنداقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلايلى. مېۋە - چېۋىدىن ھوسۇل ئېلىنسىمۇ كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولمامدۇ؟ ئۇنداقتا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك ماركا قىممىتىنى ئاشۇرايلى... ئېگىزلىكنىڭ قەھرىتان سوغۇقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ قەيسەر خاراكتېرىنى ياراتقان، ئۇلارنىڭ يەردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان ئۈمىدنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولغان.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سەھىپىسىگە يېقىن كەلگۈسىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك چېكىت ئۇرۇلىدۇ، لېكىن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يولى يەنىلا ئۇزاق. يەر، بۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تۈپ ئاساستا، قېزىشقا بولىدىغان يەنە چەكسىز بوشلۇق بار، پۇختا ئىشلەشنى خالايدىغان، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاتۇشلۇقلار جەزمەن بۇ جايدىن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىش ئۈمىدىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ.