كەلپىن ناھىيەسى: «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» نامرات ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2019年11月14日
来源:天山网
【字体:

«مەن بىر گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى ئېچىپ، ئىشىكىم ئالدىدىلائىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، ھازىر دۇكاننىڭ سودىسى يامان ئەمەس، ئەڭ ياخشى بولغاندا بىر كۈندە 400 يۈەندىن ئارتۇق تاپالايمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنى ياخشى ماڭدۇرۇپ، تىجارىتىمنى كېڭەيتىشكە تىرىشىمەن.» 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى توما ئېرىق كەنتىدىكى دېھقان گۈلباھار ئەخمەت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

گۈلباھار ئەخمەت ئىلگىرى ئىزچىل ئۆيىنىڭدېھقانچىلىق ئىشلىرىنىقىلاتتى، ئىلگىرى چاچ ياساش ۋە پەرداز قىلىشنى ئۆگەنگەن گۈلباھار ئەخمەتكەنتتە «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ، بىر ئائىلە ئايالىدىن «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى»نىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.

«مەن بىر چاچ ياساش، پەرداز قىلىش دۇكىنى ئېچىشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مېنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگىنىگە رەھمەت، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىمەن» دېدى گۈلباھار ئەخمەت.

كەنتتە «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» ئاچقاندىن باشلاپ، گۈلباھار ئەخمەت ئۆزىگەئىشىنىدىغان بولدى، كەنتتىكى گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللار دائىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ چاچلىرىنى تۈزەشتۈرىدىغان بولدى.

چېچىنى بۈدرە قىلغىلى كەلگەن گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيىئېچىلغاندىن باشلاپ كەنتىمىزدىكى ئاياللار مودا بولۇپ كەتتى».

ئىگىلىنىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، نامرات ئاياللارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلائىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» كىچىك، مىكرو تىپلىقئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ «باش»تىنباشلاپ ئوبرازىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جەمئىي 91 «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» بولۇپ، بۇلار 91 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئايالدىن 77سى بار. «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» تىجارەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.